ئۈرۈمچىدە يۇقۇملانغۇچىلار 11 گە چىقتى

ئۈرۈمچىدە يۇقۇملانغۇچىلار 11 گە چىقتى

خىتاي تىز خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 11 گە ئۆرلەپ ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئاممىۋىي قاتناش توختىتىلغان.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە بەش كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، سەككىز كىشىنىڭ ئالامەتسىز يوقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى، جەمئىي خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 11 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك قوماندانلىق ئورگىنى جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. قوماندانلىق تارماقلىرى كەڭ ئاممىغا شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىشنى، ، ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاشنى ، ماسكا تاقاش ، قولنى يۇيۇش ، بىر يەرگە توپلاشماسلىق ۋە باشقا تەن ساغلاملىققا دىققەت قىلىشنى تەكىتلىگەن.

16-ئىيۇل  كەچتە ، ئۈرۈمچى مېتروسىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى مېتروسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 22: 00 دىن باشلاپ ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئەھۋالغا قاراپ ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا جەزملەشتۈرۈلگەن كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا ، قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان قازاقىستاندىمۇ ئالامەتسىز  خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ بايقالغان.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردە سىرتقا چىقىشنى چەكلىگەن. قەشقەر شەھىرى ئادەمسىز شەھەرگە ئايلانغان. كوچىلاردا نە ئاپتوموبىل ، نە ئادەم كۆرۈنمەيدۇ. سىنغا يەنە » قەشقەر غەيرەت قىل! « دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2020 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق