شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي ۋىرۇسى بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي ۋىرۇسى بايقالدى

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساغلاملىق كومىتېتى 15- ئىيۇل ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان تۆت كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلاردا تۆت كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولغان بىر كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئۈچ كىشى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 ئۇقتۇرۇشتا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى ۋىلايىتىدىن ئىكەنلىكى ياكى مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى ھېساباتى «ئەقىللىق ۋە ساغلام ئۈرۈمچى»دە 16-ئىيۇل  چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئاشكارىلىشىچە، 15-ئىيۇل  بىر كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.  3 كىشىنىڭ ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.  دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 24 ياشلىق ئايال بولۇپ ، ئۇ جوڭچۈەن مەيدانى سودا سارىيىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى بولۇپ ، دائىم تەڭرىتاغ رايونىدا تۇرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، بىمار كېكىردەك ئاغرىقى ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن.  14- ئىيۇل قىزىش ، باش ئاغرىش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.  15-ئىيۇل  خىتاي ۋىرۇسنى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. ئۇندىن باشقا يەنە، ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان 3 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.  

بۇ خەۋەر 2588 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2020 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق