لاگېر تۇتقۇنلىرى كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

لاگېر تۇتقۇنلىرى كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

زىمىستان تورىنىڭ 15- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  خىتاي دائىرىلىرى لاگېرغا  قامالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى داۋاملىق خۇسۇسى كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇلتۇر 7-ئايدا لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە «ئۆزلىرى لايىق ۋە ياقتۇرىدىغان خىزمەت تاپالايدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان ئەمما تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار بۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئەمەسلىكىنى ، ئەمما خۇسۇسى كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ، ھەر بىر ھەرىكىتىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، بۇ پەقەت باشقا بىر خىل تۇتۇپ تۇرۇش شەكلى  بولۇپ، خىتايغا ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش شەكلى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.  

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىكى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى «زىمىستان تورى » مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2019-يىلدىن باشلاپ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى لاگېرغا  قامالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتى ، ئىچىملىك ​​زاۋۇتى ۋە باشقا زاۋۇتلارغا يۆتكىگەنلىكىنى،  تەخمىنەن 800 ئادەم يەنىلا لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ، ناھىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لاگېردا  تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئاپتوبۇس بىلەن زاۋۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىنىدىغانلىقىنى، كەچتە لاگېرغا قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى، تۇتقۇنلار خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكىلىپ مەڭگۈلۈك قولغا ئايلانغانلىقىنى، ئىلگىرى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرغا قامالغان بىر ئۇيغۇر ئايال ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يارېن بازىرىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى،  بەزىدە ئۇنىڭ ئۆيدە بىر كېچە-كۈندۈز تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى،  ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ زاۋۇتتا تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى،  تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى زاۋۇتتىكى ئەمگەك ئەھۋالىنى سورىغاندا ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپلا يىغلاشقا باشلىغانلىقى،  لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

يەنە بىر ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ​​«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى » نامىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارغا پاختا ۋە باشقا زىرائەتلەرنى يىغىشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى بازىرىدىكى ئوتتۇرىچە ئەمگەك ھەققىدىن % 13 تۆۋەن ئىكەنلىكى،  15 يۈەنلىك ئاپتوبۇس كىراسى ۋە چۈشلۈك تاماق پۇلىنى ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن  قالغىنى تۇتقۇنلارنىڭ قولىغا بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قولىغا بېرىلىدىغان پۇل ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە كېۋەزلىكى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزىدىكى پاختىسىنى تېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەمەلدارى مۇخبىرغا مىدوڭ رايونلۇق سانائەت باغچىسى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سانائەت باغچىسىدا نان يېقىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى،  ئۇلار نان ياساۋاتقاندا ساياھەتچىلەرگە نان ياساش ، يېقىش جەريانى كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى، ئادەتتە سانائەت باغچىسىدىكى دائىرىلەر ساياھەتچىلەرگە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا  بۇ ئورۇنغا ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا 400 ئادەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1663 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2020 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق