شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئاساسلىق شەخس ئوغۇز بىلال ھاشىمى ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم شەخس ئوغۇز بىلال ھاشىمى ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى پاكىستان دۆلەت رادىيوسى »تۈركىستان بۆلۈمى «نىڭ مۇخبىرى ژونالسىت، يازغۇچى ئوغۇز ھاشىمى 1-ئىيۇل 73 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئوغۇز بىلال ھاشىمى پاكىستاندا ياشاپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئۆزبېكلاردىن بىرى. ئۇنىڭ دادىسى ئەئزەم ھاشىمى ئۆز بېگىستاننىڭ ئەنجۈمەنىدىن پاكىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەئزەم ھاشىمى ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئەنجۈمەنى «تۈركىستانىي»، «تۈركىستان مۇھاجىرلار بىرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسايۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى يۆتكەش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلغان.

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 61-يىللىرى پاكىستان ھۆكۈمىتى »تۈركىستان رادىيوسى ئاڭلىتىش بۆلۈمى «نى قۇرغان. ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر، ئۆزبېك بۆلۈمىدە ئوغۇز ھاشىمى ئىشلىگەن بولۇپ ھازغىچە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش بۆلمىدە ئىشلەپ كەلگەن. 1965- يىلى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ قاتتىق بېسىمى سەۋەبلىك « تۈركىستان بۆلۈمى » ، « ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمى » گە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توختاپ قېلىپ ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش داۋام قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوغۇز بىلال ھاشىمىنى تولۇق بىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قويۇق بېرىش -كېلىش قىلغان تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئوغۇز ھاشىمى شەرقىي تۈركسىتانغا ئالاقىدار ئىلگىرىكى ھەمدە ھازىرقى گېزىت، ژۇرناللارنى توپلىغان. ھازىرغا قەدەر پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئوغۇز ھاشىمى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىدىكەن. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب- ماتېرىياللار لازىم بولغاندا ئوغۇز شامىنى ئىزدەيدىكەن. مىركامىل قەشقەرى ئەپەندى پاكىستاندىكى دەۋرىدە ئوغۇز ھاشىمىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مەرھۇم توپلىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرگەن ھەمدە ئۆزىگە مۇھىم دەپ، قارىغان ماتېرىياللارنى كۆپەيتىپ ساقلىغان. مىركامىل قەشقەرى ئەپەندى ئابدۇجېلىل ھاجىم تۇراننىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن مەرھۇم ئوغۇز ھاشىمىنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندا مەرھۇمدا بار بولغان ياكى پاكىستان رادىيوسى  «ئۇيغۇر بۆلۈمى»  نىڭ مۇخبىرى، يازغۇچى، ژۇرنالىست مۇھەممەد روھى ئۇيغۇرغا ئالاقىدار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تېپىشقا ياردەم قىلغان .

مىركامىل قەشقەرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەئزەم ھاشىمىنىڭ تۈركىستان ھەققىدە ئوردۇچە يېزىلغان » قىزىل جاھالەت « قاتارلىق نۇرغۇن ئەسىرى بار ئىكەن. مەرھۇم ئوغۇز ھاشىمىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوردۇچىغا تەرجىمە قىلغان « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تارىخى» ، «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تارىخىي» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەرجىمە ئەسەرلىرى بار ئىكەن. مەرھۇمنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىلاسسىك ۋە ھازىر زامان ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا كۇتۇپخانىلاردىن بىرىگە تەقدىم قىلىمەن دېگەن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1488 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2020 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق