نۇزۇگۇم جەمئىيىتى قىز ئاياللارنى كىشىلىك ۋە كىملىك ھەققىدىكى لېكسىيەگە تەشكىللىدى

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى قىز ئاياللارنى كىشىلىك ۋە كىملىك ھەققىدىكى لېكسىيەگە تەشكىللىدى

14- ئىيۇل نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئىپارە  قىزلار تەلەم تەربىيە ئۆيىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار، ۋە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خانىم قىزلاردىن تەشكىللەنگەن 20 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنى ئىستانبۇل شىرىنەۋلەر رايونى »ۋەتەن ھەربىيلەش كۇرس مەركىزى « گە ئېلىپ بېرىپ بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا خالىسانە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىپ  كېلىۋاتقان مەديا ۋە مەرۋە خانىملارنىڭ لېكسىيەسىگە قاتناشتۇردى.

لېكسىيە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە باشلىنىپ 12:30 غىچە داۋام قىلغان بولۇپ

لېكسىيەنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ  ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ مۇئامىلە قىلىش، يول تاللىغاندا ، كەسىپ ياكى بىرەر ئىش تاللىغاندا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ  تاللاش، قارىغۇلارچە ياكى ھېسسىيات بىلەن ھەمراھ، دوست سەپداش تاللاش، قارىغۇلارچە يول ۋە ئىش تاللاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ۋاقىت، زېھىن ، كۈچ ۋە سەرمايىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ئىشنى ئۆزۈم سىناپ ئۆزۈم بىلگىنىمچە قىلىپ باقاي! دېيىشنى تاشلاپ بۇ ساھەدە قولغا كەلگەن ئىشەنچلىك تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىش، ئەقىدىسى ، ئىدېئولوگىيەسى ساغلام ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ، ئاز كۈچ بىلەن نىشانغا يېتىش يوللىرى ھەققىدە سىناق نوقتۇلارنى بايان قىلدى.

شۇنداقلا يەنە »قانداق قىلغاندا پاسسىپ ۋە پىرىنسىپچى ، مۇكەممەلچى ئىنسانلار بىلەن، ھەر نەرسىگە كەڭ قۇرساق، ئاكتىپ ۋە پەرۋاسىز ئىنسانلار بىلەن ئۈنۈملۈك چىقىشىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ؟ يولۇققان ئاۋارچىلىق ۋە زىددىيەتلەرنى تاشلاپ قېچىش كېرەكمۇ ياكى بۇلارنى بىر دەرس ، تەربىيە ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىش كېرەكمۇ ؟ « دېگەن نۇقتىلاردا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇسۇل ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە توختالدى. دەرستىن كېيىن گەرچە بۇ تۈردىكى ھەر سائەتلىك دەرسلەرنىڭ پۇلى يۇقىرى  بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا مەنپەئەتلىك بولسۇن ئۈچۈن سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىممەتلىك دەرس ئۈچۈن نۇزۇگۇم رەھبەرلىرىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە ھەمراھلىرى ئۇستاز خانىملارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق دەرس ۋە تەربىيەلەشكە بەكمۇ ئېھتىياجى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 3453 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2020 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق