توكيودا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

توكيودا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

12-ئىيۇل ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھىرىدە » 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى « ۋە  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.  نامايىشقا ياپونىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار،  بىر قىسىم تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيەلىك، تەيۋەنلىك، ھىندىستانلىقلار شۇنداقلا  ياپونلۇقلارمۇ  ئىشتىراك قىلغان.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن بىر ئۇيغۇر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا خوڭكۇڭلۇق، تىبەتلىك، تەيۋەنلىك، جەنۇبى موڭغۇلىيەلىك كىشىلەرمۇ بىر – بىرلەپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.

نامايىشقا ھىندىستانلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان، ھىندىستانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئۇلار نامايىشچىلارنىڭ  ئالدا ماڭغان.

مۇستەقىللىققا بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئىپادىلەنگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار توكيودىكى ئەڭ چوڭ مەركىزى كوچىلارنى ئايلىنىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، ياپونىيەنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.  كوچىلاردىكى نامايىشقا قاتناشمىغان ياپۇنلۇقلارمۇ چاۋاك چېلىشىپ، غەيرەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مەدەت بەرگەن. نامايىش مەيدانىغا ياپونىيەنىڭ ئىچى سىرتىدىن بولۇپ كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى ئىشتىراك قىلغان.

بۇ خەۋەر 2744 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2020 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق