خىتاي ئاقتۇ ناھىيەسىدە 13 مىڭ ئادەمنى يىغىۋالغان

خىتاي ئاقتۇ ناھىيەسىدە 13 مىڭ ئادەمنى يىغىۋالغان

ئاتالمىش « شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 9- ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي
ئاقتۇ ناھىيەسىدە بۇ  يىل كىرگەندىن بىرى ئاتالمىش « ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەشىق بازىس »غا 13 مىڭ ئادەمنى يىغىۋالغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئاتالمىش « تەربىيەلەش مەركىزى » نامىدا خەلقنى لاگېرلارغا قاماپ ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن  دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىىتايغا قاتتىق بېشىپ قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ھەمدە قىرغىن قىلىش پاستىسىنى ئاتالمىش « ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەشىق بازىس »نامىغا ئۆزگەرتىپ نەزەربەند قىلىشقا باشلىغان. 

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە،  6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش « ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى»غا جايلاشقان بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئايال ئىشچىلار تال - تال مىس سىملارنى سىم ئورامىغا ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان.  ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى نەزەربەند قىلىنغان ئاتالمىش «ئەمەلىي مەشىق بازىسى»غا ئالتە كارخانا ماكانلاشقان. مەزكۇر ئاتالمىش «كارخانىلار »غ 465 ئادەم نەزەربەند قىلىنغان. بۇ خانىم – قىزلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئائىلە ھەمدە ئېتىز -ئېرىقلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، كەنتتە تەسىس قىلىنغان  ئاتالمىش  «ئەمەلىي مەشىق بازىسى»غا نەزەربەند قىلغان.

ئاقتۇ ناھىيەلىك ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى » مۇدىرى ۋاڭ چىڭيۇڭنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە،  پۈتۈن  ئاقتۇ ناھىيەسىدە  22 ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» بار ئىكەن. بۇ ئورۇنلار  تەۋەلىك رايونىدىكى زاۋۇت، كەنت قۇرغان زاۋۇت دەپ،  بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدىكەن. ئاتالمىش « ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» بۇ يەرگە نەزەربەند قىلىنغان كەنت ئاھالىسىنى مەركەزلىك تەربىيەلەش بىلەن تارقاق تەربىيەلەشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يىل ئاتالمىش « ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى»غا جەمئىي 13 مىڭ ئادەم نەزەربەند قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 2080 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2020 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق