كۆك ھىلال جەمئىيىتى خەلقىمىزگە ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا

كۆك ھىلال جەمئىيىتى خەلقىمىزگە ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا

ئۆزخەۋىرىمىز: شەرقىي تۈركىستان كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تىرىشپ ئالغا ئىلگىرىلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرى ھەمدە ۋەقىفلەر  بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىزگە ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا.

8- ئىيۇل كۆك ھىلال جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان ئەنگلىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئىگىلىك تىكلەش نىشانى بولسىمۇ مەبلەغ بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىش باشلىيالمىغان قېرىنداشلىرىمىزغا يەتتە دانە تىكىش ماشىنىسى ياردەم قىلدى.

كۆك ھىلال جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ياردەم قىلغان يەتتە دانە تىكىش ماشىنىنى ئىگىلىك تىكلەش ئويى بولغان، يولدىشى يوق پەرزەنتلىرى بىلەن يالغۇز قالغان ئاياللارنى ئاساس قىلىپ تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، تىكىش ماشىنىسى تارقىتىشتىكى تۈپ مەقسەتنىڭ دائىم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشىماي ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، ماشىنىدىن ئىككىنى پەرزەنتلىرى بىلەن يالغۇز قالغان ئاياللارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، بەشنى تىككۈچىلىك كارخانىسى قۇرۇپ مۇشۇ ساھەدە ئىگىلىك تىكلەش، تىكىشنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلارغا ئۆگىتىپ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ئىنتىلىدىغانلارنى تەربىيەلەش پىلانى بار قېرىنداشلارغا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.   

بۇ خەۋەر 2864 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق