لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر قايتا تۇتقۇن قىلىندى

لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر قايتا تۇتقۇن قىلىندى

ئۆزخەۋىرىمىز: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان قېرىندىشىمىز ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ ئىلگىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى قايتىدىن نەزەربەند قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بۆلۈمىمىزگە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرىدىن قويۇپ بەرگەن. لاگېرلارغا بىر يىل ياكى ئىككى يىل تۇتقۇن قىلىپ قويۇپ بەرگەن خەلقىمىزنى قايتىدىن ئاتۇش بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا  رايونلارغا بۆلۈنگەن لاگېرلارغا قايتا يىغىۋالغان. يىغىۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئائىلىسىدە قالغان خانىم- قىزلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق كارىخانىلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، ھەپتىدە ئارانلا بىر قېتىم ئۆيلىرىگە بېرىشقا رۇخسەت قىلغان. ئۇلارنى ئۆيىدە 24 سائەتتىن ئوشۇق تۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇلارنىڭ كارتىسىغا بىر ئايلىق ئىش ھەققى سۈپىتىدە يوق ھېسابتا 1030 يۈەندىن پۇل كىرىدىغان قىلىپ مەجبۇرى قول قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىگىلىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنمىغان قىزلار ھەمدە ئاياللارنىمۇ بىكار تۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ، خىتاي زاۋۇتلىرىغا نەزەربەند قىلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان.

ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەلقنى يېزا كەنتلەرگە سېلىنغان خىتاي زاۋۇتلىرىغا يىغىۋالغاندىن سىرت ئاتۇشتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاقسۇغا، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇرلارنى خوتەنگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرى قۇل قىلىپ ئىشقا سالغان.

بۇ خەۋەر 1868 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 19:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق