خىتاي بارلىق 45 ياشتىن تۈۋەن ئاياللارنى...

خىتاي بارلىق 45 ياشتىن تۈۋەن ئاياللارنى...

ئۆزخەۋىرىمىز: ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قېرىندىشىمىز ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاياللارنىڭ ئائىلىلەردىمۇ ياغلىق چىگىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئۆيلەرنى ئاقتۇرۇپ ئۆيدىكى بارلىق ياغلىقلارنى يىغىۋالغان.

ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە تەقىب قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەن . ئاتۇش تەۋەلىكىدىكى بارلىق ئائىلىلەرگە بېسىپ كىرىپ، ئائىلىلەردىكى ياغلىقلارنى يېغىۋالغان. ئاياللارنى ئۆي ئىچىدىمۇ ياغلىق چىگىشنى چەكلىگەن ھەمدە ئۆيدە ياغلىق چەككەن خانىم – قىزلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە، 45 ياشتىن تۈەن خانىم- قىزلارنىڭ يولدىشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، يولدىشى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلار بولسۇن، يولدىشى قازا قىلغانلار بولسۇن  ھەممىسىگە بىردەك مەجبۇرى ئۈزۈك سالدۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇغۇش ۋە كۆپىيىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت رەزىل سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇشتا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر رەزىل سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1997 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق