رەسىم كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

رەسىم كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

5- ئىيۇل ئىستانبۇل فاتىھ ساراچخانا باغچىسىدا، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتى  تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى باشلانغان بولۇپ، كۆرگەزمە 7- ئىيۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

 

 كۆرگەزمىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى مەخسۇس ئورۇن تۇتتى.

كۆرگەزمىگە:كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە ھەمدە ئۆي سەرەمجانلىرىغا ئالاقىدار رەسىملەر، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن، شەرقىي مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالىم، تارىخىي شەخسلەر، گېنېرال ، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ رەسىمى، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار پاكىتلىق رەسىملەر ھەمدە يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى، لاگېر ھەققىدىكى پاكىتلىق رەسىملەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەرەبچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە كىتاب ھەمدە ژۇرناللار ۋە باشقا تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قويۇلدى.

كۆرگەزمىگە كەلگەن زىيارەتچىلەرگە رەسىملەر ھەمدە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخىي، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ، ژۇرنال ھەمدە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ بېرىلدى.  

كۆرگەزمە ھەر كۈنى سائەت 9.00 دا ئېچىلىپ، سائەت 20.45 دە تاقالدى.

بۇ خەۋەر 2001 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق