خىتاي كەنت ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا نەزەربەند قىلماقتا

خىتاي كەنت ئاھالىسى زاۋۇتلارغا نەزەربەند قىلماقتا

ئاتالمىش »شىنجاڭ گېزىتى «نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش »نامراتلارنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش « نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زاۋۇتلارغا نەزەربەند قىلىشقا باشلىغان .

خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش« نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھەمدە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش قىلمىشى كۈنتەرتىپكە كېلىپ، خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئەيىبلەشكە باشلىغان بىز مەزگىلدە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىب قىلىش، يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلىنى كەنتلەرگە خىتاي زاۋۇتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ خەلقنى زاۋۇتقا نەزەربەند قىلىشقا  ئۆزگەرتكەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا كەنتلىرىگە خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ھەمدە كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق زاۋۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئاتالمىش » ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «نامىدا خەلقىنى مەزكۇر زاۋۇتلارغا نەزەربەند قىلىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈرىكىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ھەر خىل كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ،  توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە كەنت ئاھالىلىرىنى ئەزان باھادا زاۋۇتلارغا نەزەربەند قىلغان. پۈتۈن يەكەن ناھىيەسىدە 53 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى، ئون ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش كارخانىسى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر كارخانىلارغا 16 مىڭ 800 كىشىنى ئاتالمىش »ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش « نامدا  نەزەربەند قىلغان .

بايدۆۋە كەنتىدە، 570 ئائىلىدە  2022 ئادەم بار بولۇپ، كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ كوپ سانلىقىنى ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش سېخى] غا نەزەربەند قىلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، كەنتتە يەنە، ئاتالمىش »ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش دەرسخانىسى]  تەسىس قىلىپ، كەنتتىكى كىشىلەرنى نەزەربەند قىلغان. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى زورلاپ تېڭىپ مېڭە يۇيۇشقا ئۇرۇنغان.

 

بۇ خەۋەر 1847 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق