شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

5- ئىيۇل ئىستانبۇل فاتىھ ساراچخانا باغچىسىدا، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتى  تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى،

 كۆرگەزمىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى مەخسۇس ئورۇن تۇتتى.

كۆرگەزمە 5- ئىيۇن (تۈنۈگۈن ) باشلانغان بولۇپ، 7- ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدۇ. كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىم ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى:

 

  1. كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە ھەمدە ئۆي سەرەمجانلىرىغا ئالاقىدار رەسىملەر.
  2. شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن، شەرقىي مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالىم، تارىخىي شەخسلەر، گېنېرال ، يازغۇچى، شائىرلار.
  3. خىتاينىڭ ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار پاكىتلىق رەسىملەر ھەمدە يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى، لاگېر ھەققىدىكى پاكىتلىق رەسىملەر.
  4. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەرەبچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە كىتاب ھەمدە ژۇرناللار ۋە باشقا تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قويۇلدى.

كۆرگەزمىگە كەلگەن زىيارەتچىلەر رەسىملەر ھەمدە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇش خىزمىتى قىلماقتا.

 

كۆرگەزمە ھەر كۈنى سائەت 9.00 دا ئېچىلىپ، سائەت 20.45 دە تاقالىدۇ.

بۇ خەۋەر 2282 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2020 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق