شىۋېتسىيەدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

شىۋېتسىيەدە  ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

5- ئىيۇن ئىستوكھولم خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئادەم غالىپ، بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەييارلىغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا نەچچە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز شەھىد قىلىنغانلىقى، يارىلانغان ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار، بايانات ئارىلىقىدا »شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق«، »خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن«، »شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن« دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ كۆكيار، 05- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ھازىرلىغان ئەرەبچە باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ۋىرۇسقا قارشى تەدبىر ئېلىپ 50 دىن كۆپ كىشىنىڭ بىر يەرگە كېلىشىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ  ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان. شۇ سەۋرلىك ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەزكۇر قانۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بۇ قېتىمقى نامايىشنى 50 كىشىلىك نامايىش دەپ ئېلان قىلغان.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋىرۇسنىڭ قىرغىزىستاندا يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك بىر يەرگە يىغلالمىغان . شۇنداقتىمۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئائىلىلەردە » ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز « تېمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانلىرىنى ۋە شېھىتلەرنى ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.  

بۇ خەۋەر 2235 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2020 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق