ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

 

ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

5-ئىيۇل ئىستانبۇل فاتىھ ساراچخانا باغچىسىدا خىتاينىڭ 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلىپ بارغان 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 500 گە يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى.  شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ساراچخانا باغچىسىنى كۆڭ ئاسمان رەڭگىگە كىرگۈزدى .

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيسى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ 11 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قارشى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: »خىتاي 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىرغىنچىلىق قىلغان بىر كۈن، بىز بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. خىتاي بۇ كۈندە نەچچە مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلدى، نەچچە مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلارمۇ بار. خىتاي بۇ قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىز توختاتقىنى يوق. خىتاي خەلقىمىزگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۈچ مىليون ئەتراپىدىكى خەلقىمىزنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاياللارغا قارىتىلغان تۇغۇت چەكلەش ۋەھشىي سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ . بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ  قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز تولىمۇ مۇھىم «

ئېيسايۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، شەپەق ئىنستىتۇتى رەئىسى مۇستافا شاتىرئوغلۇ ئەپەندى، شەپەق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكۇر بەكىرئاتاجان ئەپەندى، قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتايننىڭ 11 يىل ئىگىلىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى لەنەتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى بولۇپلا قالماي بەلكى بارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداق ئىسلام دۇنياسىنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ داۋاغا بارلىق كىشى ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

   پىروفېسسور، دوكتور، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇدىرىيەت ھەيئىتى رەئىسى جىلال ئەرباي سۆز قىلىپ«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ھاۋاسىدا ئاللاھ بىزنىڭ ياردەمچىمىز ئىكەنلىكىنى، بۇ يولدا ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاللاھتىن ئىيمانىمىزنى، خىتايغا قارشى جاسارىتىمىزنى كۈچەيتىشنى ، لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەپ قىلىپ دۇئالار قىلدى.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۈسكۈداردىن فاتىھ ساراچخاناغىچە 11 كىلو مېتىر مۇساپىنى ۋېلىسىپىت بىلەن يۈرۈش قىلغان قۇسۋا ۋېلىسىپىت قۇلۇپى ۋەكىلى قۇبۇلاي ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 11 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقى ، تۈركلەرنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئېكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نېمە ئۈچۈن خارلىقتىن قۇتۇلمىغانلىقىنى ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىدە قايتا ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى، جانلىق، تەسىرلىك سۆزلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىختىلاپلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىدىيە ھەمدە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭى نەسىل  ئەزالىرى ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى ئورۇنلىرىدىن ئادەم كۆپ بولغان ئەييۇب سۇلتان، ئېمىنئۆنۈ ھەمدە ئۈسكۈدار قاتارلىق 20 يەرگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەسلىتىلگەن پلاكاتلارنى ئاستى

 

 

 

بۇ خەۋەر 1904 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2020 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق