خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى قۇردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى قۇردى

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ،  2 – ئىيۇن ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەمدە قىرغىن قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، تاش يول ۋە تۆمۈر يوللارنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەر ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۇرۈشنى  تېزلەتمەكتە .  ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شەرقىي تۈركىستان تۆمۈر يولىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەن.  بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريول تورى پىلانىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت، توغرىسىغا تۆت» ئاساسىي رامكىسىدىكى «ئۇزۇنىسىغا تۆت»نىڭ بىرى ئىكەن.  بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 427 كىلومېتىر بولۇپ، غەربتە شىمالىي ئالتاي لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىغا تۇتىشىپ، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجۇ – شەرقىي تۈركىستان لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلەك رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيەدە تىجارەت باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن.  ئىگىلىنىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ تۈر ئارقىلىق ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مول قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ پەقەت كۇيتۈن - بەيتۈن تۆمۈريولى ئارقىلىقلا توشۇلۇشتەك ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ئالتايدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تۆمۈريول توشۇش مۇساپىسىمۇ ھازىرقى 760 كىلومېتىردىن 640 كىلومېتىرغا قىسقارتىش،  يۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى سائەت قىسقارتىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقىنى بۇلان – تالاڭ قىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىشنى پىلانلىغان.  

بۇ خەۋەر 2085 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2020 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق