ھىندونېزىيە ئىسلامىي ياردەم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدى

ھىندونېزىيە ئىسلامىي ياردەم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدى
ئۆزخەۋىرىمىز: 1- ئىيۇل ھىندونېزىيەنىڭ ئىسلامىي ياردەم تەشكىلاتى ACT جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسى زېيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، نەق پول ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ بەردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شۆبە ئەزالىرى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىنىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن ياردەم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئېھتىياجلىق ئائىلىلەردىن تەركىب تاپقان 75 ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە 200 لىرادىن  نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.

ئۇندىن باشقا يەنە، ئېھتىياجلىق 100 ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە 130 لىرا قىممىتىدىكى تازىلىق  بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.  ياردەم بۇيۇملىرى سەفاكۆي ھەمدە زېيتنبۇرنۇدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 2240 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2020 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق