قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەت خىزمەتتىن ھەيدەلدى

قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەت خىزمەتتىن ھەيدەلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە كومىتېتى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۈزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەت ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش باھانسى بىلەن پارتىيەدىن چىقىرىلىپ خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، ئىلھام ئابلەت پارتىيەگە سادىق ئەمەس ، تەشكىلىي تەكشۈرۈشكە قارشى ، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش، خىتاي مەركىزىنىڭ سەككىز روھىغا خىلاپلىق قىلىش ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات قوبۇل قىلىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئىلھام ئابلەتكە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ بارلىق مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلغان ھەمدە  ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. 

ئىلھام ئابلەت 1961-يىلى 8-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1994-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.    

-1984يىلىدىن  2019-يىلى 6- ئايغىچە، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ كادىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىكرىتارى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىكرىتارى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىكرىتارى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش– تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

بۇ خەۋەر 2075 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2020 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق