خىتاي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقتا

 خىتاي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلماقتا

زىمىستان تورىنىڭ 30 -ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئاتالمىش « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نامىدا ئۇيغۇرلارنى يۈرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ قىرغىن قىلماقتا.

 خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ ​​شەھىرى سۈيجياڭ ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئولتۇراقلاشسا، كىشى بېشىغا تۆت گېكتار يەر ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ، 3 يىلغىچە كىشى بېشىغا  ھەر ئايدا 300 يۈەن تولۇقلىما بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان. ئەمما ھەر بىر ئادەم چوقۇم خىتاي بانكىسىغا  2000 يۈەن ئامانەت پۇل قويۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر بۇ ئائىلىلەر 3 يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ ئورۇنلاشقاندىن ئاندىن ئامانەت قويغان پۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان.

ئاساسى قاتلامدىكى بىر ئەمەلدارى زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل مارتتا سۈيجياڭ ناھىيەسىدىن 2000 دىن ئارتۇق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۆيى دائىرىلەر تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەندىن باشقا يەرلىكتىكى نوپۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ، خىتايلار بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن ئالدانغانلىقىنى ئاندىن بىلىپ يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتايلارغا، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) نوپۇس ئاز ، ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، زېمىن كەڭ » دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ يىل مارت ئېيىدا يۈنچېڭ شەھىرى جياڭشيەن ناھىيەسىدىن  167خىتاينى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋە خوتەنگە ئورۇنلاشتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يىل 2-ئايدا خوتەدىن 174 دېھقاننى خۇنەننىڭ چاڭشاغا سۈرگۈن قىلغان.  

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ، «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ، ئاتۇش قاتارلىق رايونلاردىن 292 مىڭ ئادەمنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش « نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقى، يەنە ئوخشاش نام بىلەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەنلىكىنى ، خىتاي ئىشقا سالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ خىتايلارنى شەرقىي تۈركسىتانغا يەرلەشتۈرۈش ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۈرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ قىرغىن قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1943 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق