نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: ئابلىز ئابدۇقادىر

ئابلىز ئابدۇقادىر

(چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

  مەن ئۆزۈمنىڭ «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە يادرولۇق سۈپىتى» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان سۈپەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ۋىجدان ياكى ئىنساپ. سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەخلاقىي كومپاسىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاسراڭ، ئۇنى ئىشلىتىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ.

 2. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش. باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە باشقىلارغا ئىئانە ۋە ياردەم قىلىڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ھەممە ئىشلاردا ۋە ھەممە ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈڭ، نامايان قىلىڭ ۋە ئىسپاتلاڭ.

 3. باشقىلارنىڭ ھالىغا ياكى دەردىگە يېتىش ياكى باشقىلارنى ئويلاش. باشقىلارنى چۈشىنىدىغان بولۇڭ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ.

«كىشىلىك خاراكتېر» دېگىنىمىز بىر نېيترال سۆز بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئاساسلىق سۈپەتلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى بار بولىدۇ. مەسىلەن: گىتلېرنىڭ بىر خىل كىشىلىك خاراكتېرى بار، ماندېلا ۋە گەندىنىڭمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بىز بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەسىلەن: ياخشى ئادەم، يامان ئادەم، ئىشەنگىلى بولىدىغان ئادەم ۋە باشقىلار قول قويىدىغان ئادەم قاتارلىقلار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ سۈپەت بىر ياخشى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى شەرھلەپ بېرىدىغان سۈپەتلەردۇر.

ھېچقانداق بىر ئادەم بىر خىل ياخشى خاراكتېر بىلەن تۇغۇلغان بولمايدۇ. يەنى، ياخشى خاراكتېر ئاتا-بوۋىلاردىن ئېرسىيەت قالغان بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ بىرلا ئۇلۇغۋار ئىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. بىر ئادەمدە ياخشى خاراكتېرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ئۇنىڭدىكى ياخشى نىيەت ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قارىشىدا ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇپ قىلغان ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۆز ماقالەمدە «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە يادرولۇق سۈپىتى» نى، ھەمدە «ئادەم خاراكتېرىنىڭ ئالتە تۈۋرۈكى»نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن ئاشۇ «سۈپەت»لەر بىلەن ئاشۇ «تۈۋرۈك»لەرگە بىر قېتىم ئوبدان قاراپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ بىر مەركىزىي پرىنسىپى باشقىلارغا ياردەم قىلىش. بۇ ھەقتە قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ناھايىتى ئېنىق بايانلار بار. يەنى، بىزنىڭ دىنىمىزدا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئاللاھقا سەجدە قىلىش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىزنىڭ دىنىمىزدا باشقىلارغا ياردەم قىلغان كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ھەر ئىككىسىدە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھاجىتى چۈشكەن باشقا كىشىلەرگە ياردەم قىلىش بىر خىل تاللاش بولماستىن، ئۇ بىر خىل دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر.

  مەن مەزكۇر كاتېگورىيەدىكى 1-ماقالەمدە «چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» مۇنداق ئۈچ شەرتنىڭ بىرىنى قانائەتلەندۈرگەن كىشىلەر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم: 1. چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن؛ 2. چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن؛ 3. چەت ئەلدە ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرچە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش ئىشىدا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز بولسىڭىز، مەن سىزگە يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئۈستىدە بىر قېتىم كەسكىن ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش پۇرسىتى. شۇنداقلا ئۇ باشقا بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك رازىمەنلىك ۋە زور خۇشاللىققا ئىگە بولالايدىغان پۇرسەت. ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە، مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇكىلار نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە بىر قېتىم قاراپ چىقىڭ. ئۇ ئىنكاسلار مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن ئۇلانمىلاردا بار.

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئۇلار ئۈچۈن پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى ئۇلارغا يول باشلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشىدا ۋە ئۆز بەختىنى تېپىۋېلىشىدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ياشلار ئۈلگىلەردىن مەدەت ئالىدۇ ھەمدە يېشى چوڭايغانسېرى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قانداق ياشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۈلگىلەرنىڭ ئىزىدىن ئۆزلىرىگە يول تاپىدۇ. يۇرت ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بار. باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭمۇ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار. مەن چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ماڭا داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

 

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر (ئامېرىكا)

 

ئىنىمىز ئابلىز ئابدۇقادىر (ئىنگلىزچە  Abulizi Abudukadierدەپ يېزىلىدۇ) 1981-يىلى غۇلجا شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1998-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىند، ھەمدە ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئابلىز ئۇكىمىز ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېمىزلىك ۋە دىئابىت كېسىلى (قەنت سىيىش كېسىلى)نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ دىئابىت كېسىلى بار بولغانلىقتىن، ئۇ دىئابىت كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق تىرىشىپ، 2008-يىلى ياپونىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى (Kyoto University)نىڭ ئىچكى كېسەللەر ۋە دىئابىت تەتقىقات-داۋالاش بۆلۈمىگە دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەتقىقات قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. تەتقىقات جەريانىدا مۇھىم يېڭى بايقاشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، شۇلارنى مەزمۇن قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «دىئابىت» (Diabetes) دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا ۋە ياۋروپا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ ئىنگلىزچە «Diabetologia» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ژۇرناللار دىئابىت كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىنىمىز ئابلىز دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا يەنە ياپونىيە، كورېيە، خىتاي، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان دىئابىت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەردى. شۇنداقلا بىر قېتىم ياپونىيە دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «خەلقئارا ياش تەتقىقاتچىلار نەمۇنىلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنىمىز ئابلىز ئابدۇقادىر ئەنە شۇنداق پەۋقۇلئاددە ياخشى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن 2013-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئىلمىي تەتقىقاتقا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقتى ۋە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇ كەسپىي جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دىئابىت ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ قىزىققان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا «نېمە ئۈچۈن سېمىز ئادەملەر ۋە جىگىرىنى ماي قاپلىۋالغان ئادەملەردە ئىنسۇلىننىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) ئىدى. شۇڭلاشقا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ساھەدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر پىروفېسسور بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ بۆلۈمىدە دوكتور-ئاشتى بولۇش ئىلتىماسىنى ئاشۇ پروفېسسورغا سۇندى. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ 2013-يىلى 10-ئايدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتور-ئاشتى بولۇپ كىردى. يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىككىنى تاماملاپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى 2015-يىلى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەلقئارالىق دىئابىت ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا دوكلات قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارغا مۇنداق يۈرەك سۆزلىرى بار: «بىلىم ئېلىش بىر ناھايىتىمۇ جاپالىق جەريان. ئەمما ئۇ ھەقىقەتنى تونۇشتىكى ئەڭ ياخشى يول. شۇڭا قۇرئان كەرىمىدە تۇنجى بولۇپ ‹ئوقۇ› دېگەن ئايەت نازىل بولغان. شۇنداقلا قۇرئاندا: ‹بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزنىڭ پەرقى قاراڭغۇلۇق بىلەن كۈندۈزگە ئوخشايدۇ› دېيىلگەن. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، ھەر ۋاقىت قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ ئاشۇ ئىنى-سىڭىللار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا بىللە تىرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭچە ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېزىتقۇ ياكى شەيتان ئۈمىدسىزلىك. ئۇ بىزدەك بىر شانلىق تارىخقا ئىگە ۋە بىر ئۇلۇغ دىنغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا دىئابىت كېسىلىنى داۋالاش ياكى ئوزۇقلىنىش جەھەتتە مەسلىھەت سوراشنى ئىستەيدىغانلار بار بولسا، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. مەن ئۆزۈم ئىزدىنىش ۋە ئىشخانامدىكى باشقا دىئابىت كېسىلى دوختۇرلىرىدىن سوراش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمەن. ئاشۇنداق قېرىنداشلار ماڭا

[email protected] ياكى[email protected] ئارقىلىق ئېلخەت يازسا بولىدۇ».

 

  2015-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

 

 دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە)

  1. 1.   Tetrahydrobiopterin has a glucose-lowering effect by suppressing hepatic gluconeogenesis in an endothelial nitric oxide synthase-dependent manner in diabetic mice. Abulizi Abudukadier, Yoshihito Fujita, Akio Obara, Akiko Ohashi, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, Shimpei Fujimoto, Masaya Hosokawa, Hiroyuki Hasegawa, and Nobuya Inagaki (Diabetes. 2013 Sep;62(9):3033-43.).

2.   Hepatic Acetyl CoA Links Adipose Tissue Inflammation to Hepatic Insulin Resistance and Type 2 Diabetes. Perry RJCamporez JPKursawe RTitchenell PMZhang DPerry CJJurczak MJAbudukadier A, Han MSZhang XMRuan HBYang XCaprio SKaech SMSul HSBirnbaum MJDavis RJCline GWPetersen KFShulman GI(Cell. 2015 Feb 12;160(4):745-58).

  1. 3.   Metformin suppresses hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels through reactive nitrogen species in mice. Y. Fujita & M. Hosokawa & S. Fujimoto & E. Mukai &A. Abudukadier & A. Obara & M. Ogura & Y. Nakamura &K. Toyoda & K. Nagashima & Y. Seino & N. Inagaki (Diabetologia (2010) 53:1472–1481).

4.    A Mouse Model of Tetrahydrobiopterin Deficiency Induces Insulin Resistance and Progression of Diabetes. Abudukadier, A., Fujita, Y., Obara, A., Ohashi, A., Fukushima, T., Sato, Y., Nakamura, Y., Yamane, S., Ogura, M., Hosokawa, M., Hasegawa, H., Inagaki,N. (Under submission).

5.    Inhibition of Serotonin Receptor 2A Improves Glucose Homeostasis in High Fat Diet-fed Mice. Abulizi Abudukadier, João-Paulo G. Camporez, Max C. Petersen, Michael J. Jurczak, Gerald I. Shulman (manuscript under preparation).

6.    DEPTOR-related mTOR suppression is involved in metformin's anti-cancer action in human liver cancer cells. Akio Obara; Yoshihito Fujita; Abulizi Abudukadier; Toru Fukushima; Yasuo Oguri; Masahito Ogura; Shin-ichi Harashima; Masaya Hosokawa; Nobuya. Inagaki (under submission BBRC).

Conferences: (يىغىن)

  1.  Inhibition of Serotonin Receptor 2A Improves Glucose Homeostasis in High Fat Diet-fed Mice. Abulizi Abudukadier, João-Paulo G. Camporez, Max C. Petersen, Michael J. Jurczak, Gerald I. Shulman 75th ADA annual meeting
  2.  The endothelial nitric oxide synthase (eNOS) cofactor tetrahydrobiopterin (BH4) suppresses hepatic gluconeogenesis. Abudukadier A ,Fujita YFujimoto SMukai EObara AOgura MNakamuraYToyodaKNagashima K, and Inagaki N 54th Annual Meeting of the Japan Diabetes Society
  3.  Metformin suppresses hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels through reactive nitrogen species in mice. Abudukadier A,Fujita YHosokawa MFujimoto SMukai EObara AOgura MNakamura YToyoda KNagashima KSeino Y, and Inagaki N 3th Scientific Meeting of the Asian Association for the Study of Diabetes.
  4. 10.  The endothelial nitric oxide synthase (eNOS) cofactor tetrahydrobiopterin (BH4) suppresses   hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels. Abudukadier, A, Fujita Y, Obara A, Hosokawa M, Shimpei Fujimoto, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, and Nobuya Inagaki 47th EASD Annual Meeting
    Deficiency of tetrahydrobiopterin induces insulin resistance and progression of diabetes. Abudukadier A, Fujita Y, Obara A, Ohashi A, Fukushima T, Sato Y, Nakamura Y, Yamane S, Ogura M, Hosokawa M, Hasegawa H, Inagaki N. 48th EASD Annual Meeting. 
  5. 11.  Metformin attenuates protesome 26S activity and exerts tumor-suppressing effect in human heapatoma cells. A.Obara, Y.Fujita, A. Abudukadier, T.Fukushima, M.Hosokawa, N.Inagaki 48th EASD Annual Meeting.
  6. 12.  Deficiency of tetrahydrobiopterin induces insulin resistance and progression of diabetes. Abudukadier, A. Fujita, Y. Obara, A. Ohashi, A. Fukushima, T. Sato, Y. Nakamura, Y. Yamane, S. Ogura, M. Hosokawa, M. Hasegawa, H. Inagaki,N. 9th International Diabetes Federation Western Pacific Region Congress / 4th Scientific Meeting of the Asian Association for the Study of Diabetes
  7. 13.  Tetrahydrobiopterin (BH4) Activates AMPK and Suppresses Hepatic Gluconeogenesis  through eNOS-Dependent Pathway. Yoshihito Fujita, Abulizi Abudukadier, Akio Obara, Masaya Hosokawa, Shimpei Fujimoto, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, Nubuya Inagaki. 71ADA annual meeting.

 

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150320_chetel_uyghur4.htm?fbclid=IwAR29xOHp2dsdECsKduGWP3_ksMWZR2WIzSfBfgSNGQdry6VmGM0Jry0E550

 
بۇ خەۋەر 9778 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2020 22:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق