خىتاي ئىشچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ئىشچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

زىمىستان تورىنىڭ 26- ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا بىر مەزگىل تۇرغان خىتاي ئىشچى، يېقىندا شەرقىي تۈركسىتانغا يەنە  بېرىپ، [تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك  بولۇپ قالدىم]  دېگەن.

بىر يىل ئىلگىرى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەزگىل تۇرغان خىتاي ئىشچى يېقىنقىى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.

ئىشچى مۇخبىرغا: ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۆزى بىر قانچە يىل بۇرۇن كۆرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،  ھازىر كوچىدا ئادەم ئىنتايىن ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى،  ھەممە يەر ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن تولغانلىقىنى،  ساقچىلار ئارقا – ئارقىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى، چوڭراق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە بەش ياكى ئالتە ساقچى بارلىقىنى،  كىچىك ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ئىككى ياكى ئۈچ ساقچى بار ئىكەنلىكىنى،  بۇ كۆرۈنۈش ئۇنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

ئىشچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،  ھەر كۈنى خىزمەتكە چىققاندا 10 نەچچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولۇپ قالغان. ئاددىيسى مىلىچماللار بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالسىمۇ ، كىرىش ئېغىزىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن  ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. ماشىنا ھەيدەپ كۆكتات بازىرىغا كىرمەكچى بولغاندا يىراقتا تۇرۇپ ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ ، باشنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك ئىكەن. ئەگەر بازارغا كىرمەكچى بولغان ئۇيغۇر بولسا ماشىنىدىن چۈشۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك ئىكەن.

خىتاي ئىشچى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى شەرقىي تۈركسىتانغا بارغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى تەسىراتى ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن.

ئىشچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئىلگىرىكىدەك كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولىدىغان ھالەت، خاتىرجەم  مۇھىت قالمىغان.

مەلۇم بولىشىچە،  2018-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىزامىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئىسلامنىڭ ئالامەت  بەلگىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئاستا-ئاستا غايىب بولغان. ھەتتا ئىسلام مەدەنىيەت سىمۋولىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۈندىلىك بۇيۇملارمۇ چەكلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «پان ئىسلامىزمغا قارشى » سيايىسى باشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە ئىلگىرىكى خەلق تۇرمۇشىدا بار ئىسلام مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئېلېمېنتلارمۇ ئەمدىلىكتە خەلق تۇرمۇشىدا چەكلىنىپ،  كۆرگەزمىخانىدا ساياھەتچىلەر كۆرەلەيدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغان.

ئىشچىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ،  ئۇلارنىڭ تىلى ، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئېتىقادى ئاستا-ئاستا ئۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن. ئەسلى ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغان. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشى قېيىن ئىكەن. شۇ ​​يەردىكى ئاھالىلەر بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىكەن. ئەگەر بىرەرسى باشقا شەھەردىن كەلگەن ئۇيغۇرغا ئۆي ئىجارە بەرسە قوشنىسى ئۇنى ساقچىغا دوكلات قىلىدىكەن. ئۆي ئىجارە بەرگەن كىشى ھەمدە ئىجارە ئالغان كىشى تۇتۇپ كېتىلىدىكەن.  شۇڭا  كىشىلەر ئۈرۈمچى سىرتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشتىن قورقىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا مەجبۇر قايتقان ئۇيغۇرلار يەرلىك دائىرىلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىش تەستىقى ئالالمىغان.

خىتاي ئىشچى يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سايىسى باستۇرۇشىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى مۇھىتى خىتاي تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تېلېۋىزور ئاتالمىش شىجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا سىياسەت ۋە پارتىيە ھەققىدە سۆزلىمەسلىكىنى ئېيتقان.  ئەگەر ئۇلار دوكلات قىلىنسا ، ئۇلارنىڭمۇ لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان .

بۇ خەۋەر 2425 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2020 19:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق