شەرقىي تۈركىستان خەلق تەشەببۇس گۇرۇپپىسى قورۇلدى
شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسال خەلق تەشەببۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ تۇنجى قېتىم 25 ئىيۇن «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەشەببۇسى » سەرلەۋھەلىك خىتابنامە تەييارلىدى. خىتابنامىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ئۈستىدىن قىلىدىغان شىكايەتلىرى بايان قىلىنغان.
خىتابنامىدە ، ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى، ب د ت خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ھەمدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمە باشلىقى قاتارلىق ئورگان ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلىنغان.
خىتابنامىدە، خىتاينىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا (ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، خىتاي تەسىس قىلغان لاگېرلار گىتلېرنىڭ ناتسىستلار لاگېرى ۋە ئىستالىننىڭ گۇلاخلىرىغا ئوخشايدىغانلىقى، بۇ تىراگېدىيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەمدە لاگېردا بىر مەزگىل ئازاب چەككەن قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق كىشىلەر بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، خىتاي بۇ لاگېرلارنى ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەسىس قىلىنغان تەربىيەلەش ئورنى » دەپ داۋا قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ رايونغا تەكلىپ قىلىنغان بىر قىسىم ژۇرنالىستلارنىڭ كۆزىتىشى ، شۇنداقلا ئاتالمىش « تەربىيەلەش مەركىزى»نى يىتتۈرۈپ ئەركىن دۇنياغا چىققانلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن پاكىتلارنىمۇ ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن . شىكايەتنامىدە يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز 1 ئايدىن 3 ئايغىچە خەلقنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن تۇرغانلىقىنى، ياش قىزلار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، قىز-ئاياللار ھەر خىل شەكىلدە خورلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قارىشى خىتاينىڭ «ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتى »دە زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقىتى كەم بولغان ھەر قانداق شەرقىي تۈركىستان خەلقى زەربە بېرىش ئوبىيىڭتى قىلىنغانلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتابنامىنىڭ ئاخىردا خىتاي سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش مىليونلىغان كىشىلەرنى لاگېرلارغا سولاش قىلمىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، 21-ئەسىردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا مەسئۇل يولىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشىلىرىنى توختىتىپ لاگېرلارنى تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىۋېرسال پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇق ئورگان گۇرۇپپىسىنىڭ بايانات ئىشلىرىغا دوكتور ئۆمەر قول مەسئۇل بولغان(ئىيسا ئالىپتېكىن ۋەقفى رەئىسى )، ھەيئەت ئەزالىرى: خالىس ئۆزدېمىر( ژۇرنالىست ، t v پىروگرام رىياسەتچىسى). ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان( خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى)، دوكتور مۇھىددىنجان ئۇيغۇر ( شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى رەئىسى ) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.
مەزكۇر شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسال ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇس گۇرۇپپىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە سۇنماقچى بولغان خىتابنامە بىلەن بىرگە ئىمزا پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، بارلىق خەلقىمىز ھەمدە دوستلىرىمىزنى ئىمزا پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىمزا پائالىيىتىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسى: https://forms.gle/NkHe9A3FemG5jaah6