خىتاي ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي خەلق تورىنىڭ  23- ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ،  خىتاي « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نامىدا بۇ يىل بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ  شەھەر-بازالىرىدىن 271 مىڭ 600 ئادەمنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش پاستىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ باشقا يۇرتلارغا ، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە  سۈرگۈن قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىپ  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ، پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىشنى ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ، ئاتالمىش «ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى »نامىدا ۋىلايەت بويىچە 200 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغان.  

بۇ خەۋەر 1774 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2020 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق