ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارە رەھبەرلىرىدىن بىر ھەيئەت مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارە رەھبەرلىرىدىن بىر ھەيئەت مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 22- ئىيۇن ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى رەجەپ باتۇ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن ئادىل ئابدۇقادىر قاتارلىقلار  جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

زىيارەت داۋامىدا، كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىك ھەيئىتىگە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن  ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە خەلقىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش رۇخسىتى ئىلتىماسى ( ئۇزاق ۋاقىتلىق ئىقامەت ) غا مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقلىرى ھەمدە  خەلقىمىزنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى.

مېھمانلار بىلەن يەنە، خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ – ئىستەكلەر ھەمدە مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى رەجەپ باتۇ ئەپەندىگە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلىقىگە ئەنسارلىق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات ھەدىيە قىلدى.  

 

بۇ خەۋەر 2189 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2020 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق