ئىستانبۇلدا «پۇتبول چولپىنى سوفيان فىيغۇلىغا رەھمەت» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

 ئىستانبۇلدا «پۇتبول چولپىنى سوفيان فىيغۇلىغا رەھمەت» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

ئۆزخەۋىرىمىز: 22- ئىيۇن ئىستانبۇلدا گالاتا ساراي چولپىنى ئالجىرىيەلىك سوفيان فىيغۇلنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغانلىقىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  «سوفيان فىيغولىغا رەھمەت » ناملىق توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىنى شەرق تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ،

 مۇسابىقىگە ئەينەك كوماندىسى ۋە ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. مۇسابىقە قىزغىن كەيپىيات، جۇشقۇن روھ ھەمدە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقە قاتتىق ئىسسىقتا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارىماي ئىككى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى تولۇق قاتناشتى. مۇسابىقە داۋامىدا « رەھمەت ساڭا قەھرىمان سوفيان فىيغۇل ! »دېگەندەك شوئارلار ياڭرىدى.

سوفيان فىيغۇل ئالجىرىيەلىك كەسپى پۇتبولچى بولۇپ،  2017-يىلى 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق توختام بىلەن گالاتا سارايغا قوشۇلغان. سوفيان فېيغۇل 18- ئىيۇن كەچتە ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېساباتى ئارقىلىق «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىم» دېگەن شوئارى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مۇھىم» دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ، ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سوفيان فېيغۇل نۇرغۇنلىغان پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ خەۋەر 981 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق