ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار پىرېزىدېنت ترامپقا رەھمەت ئېيتقان

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار پىرېزىدېنت ترامپقا رەھمەت ئېيتقان

21-ئىيۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاقسارايغا يىغىلىپ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
ترامپ ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ھەمدە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان لاگېر سىياسەتلىرىدە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر قانۇننى تەستىقلىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپلانغان ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۇرالغۇسى-ئاقساراي ئالدىكى چۆپلۈكتە ياڭراتقۇ ئارقىلىق«پىرېزىدېنتقا رەھمەت!»، «ئامېرىكا خەلقىگە رەھمەت !»، « ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھمەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پائالىيەتتە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ  شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن  قىلىش سىياسەتلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان مىليوندىن 3 مىليونغىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرىغا تاشلىغانلىقىنى لەنەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1971 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2020 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق