ساخاۋەتچى ئوسمان ھاجىمىڭ ئىز- دېرىكى بولمىغان
ئۆز خەۋىرىمىز: 21- ئىيۇن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 74 ياشلىق ساخاۋەتچى ئوسمان نىياز ( ئوسمان ھاجىم زەرگەر ) 2017-يىلى 5-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقون قىلىنىپ ھازىرغىچە ئىز -دېرىكى بولمىغان.
شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھەر ئۆستەڭ بويى ئىجتىمائىي رايونى ئېگىز ئېرىق ئاھالە كومىتېتى غوجا ئەلاخۇنۇم كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان نىياز (ئوسمان ھاجىم زەرگەر ) جامائەت ئەربابى مەرىپەتپەرۋەر خەيرى ساخاۋەتچى كىشى بولۇپ، 1947-يىلى قەشقەر شەھەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مەشھۇر مائارىپچى نىياز ئەمىن بولۇپ، بوۋىسى ئاپاق غوجا مازىرى مەدرىسىنىڭ شەيخى ئەمىن شەيخ ئاخۇنۇم ئىكەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەشقەر خەلق باشقۇرۇشىدىكى تىل-تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قورۇغۇچى ھەيئەت ئەزاسى ئىكەن. بىر مەزگىل ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلغان. يېقىنقى 10 يىلدىن بىرى خەير -ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتاپ، قەشقەردە ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار ھەقسىز كۈتۈپخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى تۈرۈپ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغان.
ياشلىق ساخاۋەتچى ئوسمان نىياز ھاجىم 2017 -يىلى 5-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى بولمىغان.