خىتاينىڭ پۈتۈن ئورگانلىرى ئۇيغۇر قانۇنىنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارشى بەس – بەستە بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا پىرىزدېنت رونالد تىرامپ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن خىتاي قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى ۋە خىتاي مەركەزدىن تۆۋەنگىچە بولغان بارلىق ئورگانلىرى ۋە خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئاخبارات تەشۋىقاتلىرى بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلىرى ئارقا – ئارقىدىن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىشتى ۋە يەنىلا كونىراپ كەتكەن سەپسەتىلىرىنى سېتىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى ۋە پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن جازا لاگېرى سىياسىتىنى ئاقلاپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئاتالمىش شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئاقلىدى، ۋە ئاللىبۇرۇن خەلقئارالىشىپ بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆكتەملىك بىلەن بۇ مېنىڭ ئىچكى ئىشىم، ھېچكىم ئارىلاشماسلىقى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت بۈگۈنكى يەر شارىدا ھېچكىم قوبۇل قىلمايدىغان سەپسەتىنى سېتىش ئارقىلىق خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم يۈزىنى تۆكۈۋالدى.
خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات كانايلىرىدىن بولغان شىنخوا تورى 21 – ئىيۇن كۈنى "ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشىغا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالى قوشۇلمايدۇ" ماۋزۇسىدا، ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتى: "پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ" ماۋزۇسىدا، خىتاي خەلق گېزىتى: "قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايلى" ماۋزۇسىدا، خىتاي خەلق تورى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ" ماۋزۇسىدا ئايرىم – ئايرىم ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدا تەستىقلىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىغا جان جەھلى بىلەن قارشى چىقتى ۋە ھەممىسى بىردەك ئۆزىنى ئاقلاش، ئامېرىكىنى قارىلاش ھۇجۇمىغا ئۆتتى.
ئەجىبا «بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز» خىتاينى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا سەكرىتىۋەتتى
17 – ئىيۇن ئامېرىكىدا قانۇنغا ئايلانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاينىڭ پۈتۈن ئورگانلىرىنى بۇنچىلىك ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى، خىتاينىڭ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۆزىنى ئاقلاش، ئامېرىكىنى قارىلاش ھەرىكىتىنى پۈتۈن ساھەگە كېڭەيتىشى خىتاينىڭ ئۆز تەشۋىقاتىدا بۇ قانۇننى كېرەكسىز بىر ۋاراق قەغەز دېگەن گەپلىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولۇپ قالدى ۋە ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك پوك دېگەندەك ئۆز جىنايىتىنى ئۆزىمۇ بىلىپ تۇرۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى ئىختىيارسىز ھالدا قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن تەشۋىقاتىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى ئاقلاش مۇداپىئەسىگە ئۆتتى.
بۇنىڭ جۈملسىىدىن خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش شىنجاڭ خەۋەرلىرى قانىلىنى 20 – ئىيۇن شەنبە كۈنى بىر تۈركۈم يالغان سەھنە ھازىرلاتقۇزۇپ ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغۇزغان ۋە مەزكۇر قانۇنغا ھۇجۇم قىلغۇزغان.
كۈزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ئاخمىقانە قىلىقلىرىنىڭ تولىمۇ بىمەنلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر مەزكۇر قانۇن خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقاندەك راستىنلا بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز بولسا، دۇنياغا خوجا بولماقچى بولغان ئاتالمىش يوغان خىتاينىڭ بۇنچىۋالا زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشقا كۈچ تەشكىللىشى، ئۆزىنى ئاقلاپ بولالماي قېلىشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ؟ دەپ سۇئال قويۇشتى.