خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىغان
18-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرىزدېنت ترامپ « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»غا رەسىمى ئىمزا قويغاندىن كېيىن قاتتىق جىددىيلەشكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە يىغىپ، خىتاي بىلەن بىر سەپتە ئامېرىكىغا بىرلىكتە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىغان.
مەزكۇر سىنغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشتە، قەشقەر شەھىرى كېرەمباغ تەۋەلىكىدىكى توققۇزتاش 1- مەھەللە كومىتېتىنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا پىرىزدېنتى ترامپ « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا رەسىمى ئىمزا قويغاندىن كېيىن جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. مەھەللە كومىتېت تەۋەلىكىدىن ئۇيغۇرلارنى بىر يىغىن زالىغا يىغىپ، ئامېرىكىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتىنى باشلىۋەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىغان. بارلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىشكە ھەمدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غالجىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەي قايسى جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتنى باشلىغان.