يەكەندە چىقىلغان قىسمەن مەسچىتلەرنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

يەكەندە چىقىلغان قىسمەن مەسچىتلەرنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا  شەرقىي تۈركىستان يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىدە يەكەندە چېقىۋېتىلگەن بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى.

پىدائىيلار يەكەنگە تەۋە بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئەسلىدىكى سۈرىتى بىلەن ھازىرقى سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يەكەن ناھىيەسىگە تەۋە يەتتە مەسىچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1.يەكەن ناھىيە توم ئۆستەڭ يېزا، دۆڭباغ كەنتىدىكى غوجىلار دەۋرىدىن قالغان مازارلىق ھەمدە مازارلىقتىكى مەسچىتنى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن.

2. يەكەن ناھىيە گۇلباغ يېزا ھەزرىتى پىر كەنتى خىتاي قەبرىستانلىقى يېنىدىكى مەسچىتنى مەھەللىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئائىلە بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن.

3.يەكەن ناھىيە مىشا يېزا 16- كەنت مەھەللە مەسچىتى، 4. يەكەن ناھىيە دۆڭباغ يېزا بازىرى چوڭ مەسچىتىنىمۇ چېقىۋەتكەن 5. يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ چوڭ بازار مەسچىتى 6، يەكەن شەھەر مەركىزىدىكى سۈت – قايماق بازىرى مەسچىتىنى ئەتراپتىكى ئائىلىلىكلەر بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن. 7 يەكەن ناھىيە توم ئۆستەڭ يېزا خانئېرىق كەنتى مەھەللە مەسچىتىنى ئەتراپىدىكى ئائىلىلەر بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن

بۇ خەۋەر 1672 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2020 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق