ش ت ت ب ئامازونغا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

ش ت ت ب ئامازونغا نارازىلىق باياناتى ئېلان  قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كارولىن بېرنس ۋە ئامازوننىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ھاقارەتلىشىگە قارشى  بايانات ئېلان قىلدى

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللىي قىممەت بەلگىلىرى ئۆزىنىڭ جېنىدەك قىممەتلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بايراق. بايراق رەڭگى ۋە شەكلى بىلەن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ بايرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان  خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ بايرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بايراقىنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا  ئەركىن لەپىلدىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز گوللاندىيە كارولىن بېرنسنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تازىلىق ئۆيى قىلىپ ئىشلەپ ئامازوندا سېتىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز. كارولىن بېرنسنىڭ بۇ قىلمىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. كارولىن بېرنسنىڭ بۇ ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن كارولىن بېرنس ۋە ئامازوندىن بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ، ئېلان ۋە ھاجەتخانا كارىۋاتلىرىنى توختىتىشىنى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرىق قىلىدۇ.  ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز خەلقئارا مۇنبەرلەردە بۇ ئىككى شىركەتكە قارشى بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنى باشلايدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 2248 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2020 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق