خىتاي 200 مىڭ كىشىنى سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىدى

خىتاي 200 مىڭ كىشىنى سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىدى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسى بويىچە ئاتالمىش «يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» نامىدا ئۈچ يىل ئىچىدە 200 مىڭ كىشىنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەرىكەت لايىھەسىگە ئاساسەن 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە 200 مىڭ كىشىنى «يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانلانغان بولۇپ، 2020-يىلى 50 مىڭ كىشى، 2021-يىلى 70 مىڭ كىشى، 2022-يىلى 80 مىڭ كىشى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇلاردىن سىرت يەنە 250 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پىلانلىغان.
ھەرىكەت لايىھەسىگە ئاساسەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مەكتەپلەردە بىردىن ئىككىگىچە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىردىن ئىككىگىچە ئەمەلىي مەشىق ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان.
خىتاي ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھەرىكىتىنى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش كارخانىسى، ئەمگەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەت قاتارلىقلارغا تايىنىپ، تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 1686 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2020 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق