تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا خۇش خەۋەر

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا خۇش خەۋەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىدىن چىقارغان يوليورۇقىغا ئاساسەن، بۇ يىل 1- ئايدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كىرگەن (كىرىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ بولىدۇ) ھەر قانداق شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىيەدە تۇرۇش روخسىتى (ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت) كە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچ رەت نومۇرى ئېلىپ، رەت نۇمۇرىدا كۆرسىتىلگەن ۋاقىت بويىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىقامەت بېجىرىش ئىشخانىسىغا بارسا بولىدۇ.

 ۋاقىپ بولغايسىلەر!

ھۆرمەت بىلەن: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1276 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2020 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق