غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، غەززەدىكى ئوخشىمىغان ئىككى نۇقتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر قىسىم رايونلىرىنى قوشۇۋېلىش پىلانى ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا ئالاقە كۆۋرۈكى تەشكىللىگەن يۈزلىگەن كىشى غەززەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (UNSCO)نىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرغان.
نامايىشچىلار «ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز» ، «قەدىر-قىممەت بىلەن ياشاش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز»، «پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئادالەت » دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى ئەشرەپ زايىد ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: «بۈگۈن بىز ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە يۈرگۈزگەن ئىرقچىلىقىنى رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نامايىش ئىسرائىلىيەنىڭ «قوشۇۋېلىش پىلانى»غا قارشى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدە ئىسلامىي ۋە مىللىي كۈچلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار«پەلەستىن بۆلۈنمەيدۇ»، «ئىيوردانىيە ۋادىسىنى قوشۇۋېلىشقا قارشى تۇرىمىز»، «پەلەستىن بەدىنىمىزنىڭ بىر قىسمى، بىز ئۇنىڭغا جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.
ئەرەب ئازادلىق فىرونتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەمىر سەيدام ھەرىكەت جەريانىدا قىلغان سۆزىدە سىياسىي بۆلۈنۈشنى تۈگىتىش ۋە مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن پەلەستىن دائىرىلىرىگە بارلىق پەلەستىنلىكلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، جىددىي يىغىن ئېچىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.
سەيدام يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىلگىرى ئەرەب باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلاردا چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە كومىتېت ئاتالمىش تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن خەرىتە سىزىش خىزمىتىنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 24961 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2020 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق