دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن تەكشۈرۈلگەن

دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن تەكشۈرۈلگەن

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بۇلىشىچە ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۈتۈننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان .

تەكشۈرۈشتىن كېيىن ، ئەنۋەر تۇرسون غايىسى ۋە ئىشەنچىسى بولماسلىق ، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، پارتىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يولغا قويۇشنى رەت قىلىش، مەركەزنىڭ سەككىز قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، بالىلىرى ئۈچۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىش ، خىزمەت يۆتكەش ، ئورۇننى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرىغا چاپان يېپىش، قانۇنسىز پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،  پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى قانۇنسىز ساقلاش، سوۋغات بېرىش ، سوۋغات قۇيۇل قىلىش، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ تۈر ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە باشقىلاردىن پايدا ئېلىش ۋە مال-مۈلۈكىنى قوبۇل قىلىش ؛ نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئىزدەش ، باشقىلارغا مال-مۈلۈك بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئەنۋەر تۇرسۇن يۇقىرىقى جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ،  كومپارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن بوشىتىش،  قۇرۇلتاي ۋەكىلى سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنغان. ئۇنىڭ بارلىق مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان.

ئەنۋەر تۇرسۇن 1966-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندە تۇغۇلغان 1993-يىلى كومپارتىيە ئەزا بولغان.

1987- يىلى  قەشقەر رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش بۆلۈمىدە خىزمەت باشلاپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى،

2001 -2007 يىلىغىچە قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى،  يېڭسار ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كاتىپى، قەشقەر شەھەرلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ۋە شەھەر باشلىقى، 2017-يىلى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق قورچاق ئەمەللەرنى تۇتقان.   

بۇ خەۋەر 1658 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2020 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق