نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: پاتىگۈل ئىمىن

پاتىگۈل ئىمىن

(چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان كىشى ئالفرېد نوبېل ئەپەندى ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار. شۇ زاماندا بېسىلىپ تارقىلىۋاتقان بىر پارچە گېزىت خاتا ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ، نوبېلنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر باسىدۇ. نوبېل بۇ خەۋەرنى گېزىتتىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە ئۇ مۇشۇ پۇرسەتنىڭ باھانىسىدە ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قانداق بىر تەرىقىدە ئەستە ساقلايدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. گېزىتتىكى خەۋەردە نوبېل ئەپەندىنىڭ ناھايىتىمۇ ئەقىللىق خىمىيە ئالىمى ئىكەنلىكى، پارتلاتقۇچ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، ناھايىتى باي بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى بىر ئەقىللىق ۋە باي ئادەم دەپ ئەستە ساقلىشى ناھايىتىمۇ قانائەتلىنەرلىك بىر ئىش ئىدى. لېكىن، نوبېل ئەپەندى ئۇنداق دەپ ئويلىمايدۇ.

نوبېل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە يۇقىرىقىدىن ئىجابىيراق بولغان بىر ئابىدىنى قالدۇرۇش ئارزۇسى ئۈستىدە ناھايىتى كۆپ ئويلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز بايلىقىنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمىنى ئىنسانلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ يېڭىلىقلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان «نوبېل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ كېتىدۇ.

بىزنىڭ ئارىمىزدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئوخشاش چوڭ نەرسىلەرنى بەرپا قىلالايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما بىز ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان مەدھىيە سۆزلىرىگە ئېرىشەلىگۈدەك بىر خىل ھاياتتا ياشىيالايمىز.

بىز ھەر كۈندىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە ھەممە ئىشلار توغرىسىدا توغرا ئويلاپ كېتەلمەيمىز. بىز ئۈچۈن پۇل، خىزمەت ئورنى، نام-ئاتاق ۋە ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم كۆرۈنۈپ، بۇ جەريان ئۇ نەرسىلەر بىز ئۈچۈن مۇھىم بولماي قالغان بىر ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالىدىغان نەرسە بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ سىزنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئەستە تۇتۇشى، سىزنى كىملەرنىڭ ئەستە تۇتۇشى ۋە سىزنى نېمە ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

شۇڭلاشقا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاڭ: سىز كىشىلەردىن ئۆزىڭىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىنى ئىستەيسىز؟ يەنى، سىز ئۆلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كەينىگە يېنىپ بىر قېتىم ياشاپ بېقىڭ.

مەن يېقىندا «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمامدا ئامېرىكىدىكى مايكىل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئاشۇ مايكىل 2015-يىلى 19-مارت ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «ھاياتىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇقىرىدىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن ئىبارەت.

ئۆتكەن يىل (2014-يىلى) بىزنىڭ ئائىلە ئۇزۇندىن بۇيان يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ھەدىمىزنىڭ تۈرك ئېرى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار شىمالىي كالىفورنىيەدە تۇرىدىغان بولۇپ، مەن ماشىنام بىلەن 600 كىلومېتىردەك يول يۈرۈپ، ئۇنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشتىم. ئۇ ئاكىمىزنىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن تۇپراق بېشىغا كەلگەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ مېيىتى قويۇلغان سېمونت ساندۇقنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە ئوچۇم توپا تاشلىۋالدىم. كېيىن بىر كىشى تىراكتورنى ھەيدەپ كېلىپ، بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ھېلىقى مېيىت ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى. ئۇ ئاكىمىز تېخى تۈنۈگۈن ھايات ئىدى. بۈگۈن مانا مۇشۇنداق يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى. بۇ نېمە دېگەن ئاددىي بىر جەريان! بىز ھەممىمىز بۇ دۇنيادىن ئەنە شۇنداق ئايرىلىمىز. ھەممىمىز ئوخشاش يەرگە بارىمىز. ئۇنداقتا بىزنى پەرقلەندۈرىدىغان نەرسە نېمە؟ مەن ئاشۇ سەپەردىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە كۆپ ئويلاندىم، ھەمدە روھىي جەھەتتىن سەل نورمالسىز يۈردۈم.

بىر ئادەم بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىدە قانچە ئۇزۇن ياشايدىغانلىقىنى مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن كەم دېگەندە بىرسى بەلگىلەيدۇ:

1. ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ۋە قالدۇرغان بىلىملىرى. بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن بىز ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى مۇئەللىملىرىنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ. بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ؟

3. بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلىگىنى. ياخشى تەربىيەلەنگەن بالىلار ئاتا-ئانىسى باشلىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نام-شۆھرىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن بىر داڭلىق زاتنىڭ بالىسى ياخشى ئادەم بولسا، سىز داۋاملىق ئۇنى «پوكۇنىنىڭ بالىسى» دەپ تۇرۇپ ئاتايسىز. ئەگەر ئۇ بىر ناچار ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ھەرگىزمۇ بىللە ئىشلەتمەيسىز.

3. قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى. مەن ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 5-10 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ساخاۋەت ئىشلىرىدىن ناھايىتىمۇ تەسىرلەندىم. ھەمدە ئۇنىڭدىن بىر خىل ئۈمىد نۇرىنى كۆردۈم. تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدە ساخاۋەتچىلەر ئالىي مەكتەپ بىنالىرىنى سېلىپ بېرىپ، ئۇ بىنانىڭ ئىسمى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىدىغان ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ ناھايىتى چوڭ ۋە قىممەت نەرسىلەر بىلەن تولغان ئۆي-زېمىنلىرىنى جامائەت باغچىسى قىلىپ قالدۇرۇپ كېتىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرىنىڭ ئىسمى ئاساسەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ بىنالارنى سېلىشقا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

مەن بۇ يەردە قېرىنداشلاردىن مۇنداق بىر نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنىمەن. سىزنىڭ ھايات ۋاقتىڭىزدا قانداق كىيىملەرنى كىيگەنلىكىڭىز، قانداق تاماقلارنى يېگەنلىكىڭىز، قانداق ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىڭىز ۋە قانداق ماشىنىلارنى ھەيدىگەنلىكىڭىز يۇقىرىدىكى ئۈچ سەۋەبنىڭ بىرىگە تەۋە ئەمەس. يەنى، بىر ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدا قانداق ماددىي تۇرمۇشتا ياشىغانلىقى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن كىشىلەر قەلبىدە قانچە ئۇزۇن ياشايدىغانلىقى بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە سىز ۋاپات بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇستازىمىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. سىز ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا كۆز ئالدىڭىزغا ئۇ ئۇستاز ھەققىدىكى قانداق ئىشلار كېلىدۇ؟

ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتىللا ۋە ئاتا تۈرككە ئوخشاش تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ داھىيلار، قەھرىمانلار ۋە داڭلىق سەنئەتكارلار قاتارلىق بىر قىسىم ئادەملەرمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار باشقا بىر كاتېگورىيەگە تەۋە كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە تالانت-ئىقتىدارلىرى ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ ئۆز خەلقى، ۋەتىنى ياكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان زور تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ كاتېگورىيىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئۈچ شەرت بولسا بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن يەكۈنلەپ چىقىلغان.

ھازىر نۇرغۇن قېرىنداشلار مىللەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۆزۈممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. مەندىن بىر قىسىم ئۇكىلار داۋاملىق «سىز نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ياشاش يولىنى تاللىدىڭىز؟» دەپ سوراپ تۇرىدۇ. بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ بىر قىسمى يۇقىرىدىكى مايكىل جوسېفسون يازغان مەزمۇندا بار بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ يەنە بىر قىسمى ھازىر ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئەنە شۇنداق ياشايدىغان كىشىلەرگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدۇر. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئاشۇنداق ياشاش يولىنى تاللىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ. يېقىندىن بۇيان مېنى قوللاپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «چەت ئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما ئاستىدىكى يازمىلىرىمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي تەييارلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بارلىق ئۇكىلار ئەنە شۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. ھازىر يۇقىرىقىدەك ياشاش يولىنى تاللىغان بارلىق قېرىنداشلار ئورتاق ھالدا ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشساقمۇ، خەلقىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بىر قىسىم ياخشى ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولالايمىز. شۇنداقلا ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر دۇنياغا سەپەر قىلغاندا ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىمىزدىن پۇشايمان يېمەيمىز. مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

 

دوكتور پاتىگۈل ئىمىن

 

سىڭلىمىز پاتىگۈل ئىمىن 1972-يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ تاماملاپ، 1989-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى جەريانىدا پاتىگۈل بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ياخشى ئوقۇدى. ھەربىر ئوقۇش يىلىدا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. 1994-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پاتىگۈل ئۆزى ئوقۇغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى.

پاتىگۈل ئوقۇتقۇچى بولغان تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا خىمىيە ۋە بىيولوگىيە فاكۇلتېتلىرىنىڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا «فىزىكا خىمىيەسى» ۋە «تۈزۈلۈش خىمىيەسى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پاتىگۈل بىر تەرەپتىن ئۆزىگە بۆلۈنگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى.

پاتىگۈل 2001-يىلى 1-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا دوكتور ئىسمائىل نۇرۇللاھنىڭ يېتەكلىشىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇدى. بۇ جەرياندا پاتىگۈل توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىياللار (Conjugated Polymer) تەتقىقاتىغا ئالاھىدە قىزىقتى ھەمدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش جەريانىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەملىكەت ئىچىدىكى غوللۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدى.

2006-يىلى 7-ئايدا پاتىگۈل «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ تاللىشىدىن ئۆتۈپ، كانادادىكى مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى (McMaster University)غا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلدى. بۇ مەكتەپ دۇنيادىكى داڭلىق 100 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپ بولۇپ، تەتقىقات شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى.

كېيىنچە پاتىگۈل ئاشۇ مەكتەپتە دوكتورلۇق ئوقۇشنى قارار قىلدى. ئۇ مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، 2007-يىلى 9-ئايدا مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىردى. 2009-يىلى 4-ئايدا ماگىستىرلىقتىن دوكتورلۇققا ئالمىشىش ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، 2009-يىلى رەسمىي دوكتورلۇقتا ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا پاتىگۈل دوكتور يېتەكچىسى، پىروفېسسور ئالېكس ئادرونوۋ (Alex Adronov)نىڭ يېتەكلىشىدە، ماتېرىيال ساھەسىدە دۇنياۋى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان، ئىنگلىزچە «Carbon Nanotube» (چوڭلۇقى چاچتىن يۈزمىڭ ھەسسە كىچىك، لېكىن پولاتتىن 50 ھەسسە كۈچلۈك بولغان، كاربوندىنلا تۈزۈلگەن تۇرۇبىسىمان مولېكۇلا) ۋە «Conjugated Polymer» (توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىياللار) تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا پاتىگۈلنىڭ 12 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خىمىيە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە نۇرغۇن قېتىم كانادا ئىچىدىكى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كەسىپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

پاتىگۈل دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا يەنە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى (Teaching Assistant) بولۇپ ئىشلەپ، ئۇ خىزمەتتىمۇ ئەلا بولۇپ باھالاندى.

مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا پاتىگۈلنىڭ تەتقىقات ۋە ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇ 2008-يىلى مەكتەپ تەمىنلىگەن 3500 دوللار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ھەمدە ئۈچ قېتىم (2009-، 2010- ۋە 2011-يىللىرى) ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (يىلىغا 15000 دوللار)غا، شۇنداقلا ئىككى قېتىم (2012- ۋە 2013-يىللىرى) كانادا تەبىئىي پەنلەر فوندى جەمئىيىتى (Natural Sciences and Engineering Research Council of Canada, NSERC)نىڭ دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى مىقدارلىق (يىلىغا 35000 دوللار) ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

پاتىگۈل ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە « Supramolecular Functionalization of Single Walled Carbon Nanotubes with Conjugated Polymers» دېگەن تېمىدىكى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. سىڭلىمىز پاتىگۈلنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://macsphere.mcmaster.ca/bitstream/11375/13407/1/fulltext.pdf

 

2009-يىلى 4-ئايدا پاتىگۈل ئېرى مۇختەر ۋە قىزى مۇنىرە بىلەن كانادادا جەم بولدى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا پاتىگۈل ئىككىنچى قىزى پەرىدەگە ئانا بولدى. پاتىگۈلنىڭ يولدىشى مۇختەر ھەمىت ھازىر مەكماستەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.

پاتىگۈل دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن كانادانىڭ نىئاگارا شەھىرىدىكى بىر شىركەتتە تەتقىقاتچى ۋە بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

سىڭلىمىز پاتىگۈل مۇنداق دەيدۇ: مەن 20 ياش ۋاقتىمدىلا دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ، بۇ ئارزۇيۇم 40 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەمەلگە ئاشتى. بىز بېلىمىزنى قويۇۋەتمەي ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان نىشانغا يېتەلەيدىكەنمىز. مەن ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدا ئوقۇشۇمنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغان ئاتا-ئانامغا، ئېرىمگە ھەمدە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق دوستلارغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

سىڭلىمىز پاتىگۈل ئىمىن ھازىرقى زامان ئاۋانگارت ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىر تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، مەن بۇ سىڭلىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.

 

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى

 

دوكتور پاتىگۈل ئىمىن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە): 

Journals:

 

[1] Patigul Imin , Mokhtar Imit , and Alex Adronov “Supramolecular Functionalization of Single-Walled Carbon Nanotubes (SWNTs) with a Photoisomerizable Conjugated Polymer”, Macromolecules, 2012, 45: 5045-5050.

 

[2] Xin Pang, Patigul Imin, Igor Zhitomirsky and Alex Adronov, “Conjugated Polyelectrolyte Complexes with Single-Walled Carbon Nanotubes for Amperometric Detection of Glucose with Inherent Anti-Interference Properties” J. Mater. Chem., 2012, 22, 9147-9154.

 

[3] Li, X.; Imin, P.; Adronov, A.; Zhitomirsky, I. “Effect of 5-sulfosalicylic Acid and Poly[2,5-bis(3-sulfonatopropoxy)-1,4-ethynylphenylene-alt-1,4-ethynylphenylene] on Electrodeposition of Polypyrrole - Carbon Nanotube Films on Stainless Steel”, Materials Lett., 2012, 68: 24-27.

 

[4] Kangmin Wu, Patigul Imin, Yanchao Sun, Xin Pang, Alex Adronov, Igor Zhitomirsky “Electrophoretic Deposition of Composite Films from Solutions of Conjugated Polymers and their Supramolecular Complexes with Carbon Nanotubes”, Materials Lett., 2012, 67: 248-251.

 

[5] Patigul Imin , Mokhtar Imit , and Alex Adronov “Supramolecular Functionalization of Single Walled Carbon Nanotubes (SWNTs) with Dithieno[3,2-b:2',3'-d]pyrrole (DTP) Containing Conjugated Polymers”, Macromolecules, 2011, 44: 9138-9145.

 

[6] Patigul Imin, Fuyong Cheng and Alex Adronov, “The Effect of Molecular Weight on the Supramolecular Interaction Between a Conjugated Polymer and Single-Walled Carbon Nanotubes”, Polym. Chem., 2011, 2: 1404 - 1408.

 

[7] Patigul Imin, Fuyong Cheng and Alex Adronov, “Supramolecular Complexes of Single Walled Carbon Nanotubes with Conjugated Polymers”, Polym. Chem., 2011, 2, 411-416.

 

[8] Kangmin Wu, Patigul Imin, Alex Adronov, Igor Zhitomirsky, “Electrophoretic Deposition of Poly[3-(3-N,N-diethylaminopropoxy)thiophene] and Composite Films”, Mater. Chem. Phys., 2011, 125, 210-218.

 

 [9] Xin Pang, Patigul Imin, Igor Zhitomirsky and Alex Adronov, “Amperometric Detection of Glucose Using a Conjugated Polyelectrolyte Complex with Single-Walled Carbon Nanotubes”, Macromolecules, 2010, 43, 10376-10381.

 

[10] Travis Casagrande, Patigul Imin, Fuyong Cheng, Gianluigi A. Botton, Igor Zhitomirsky and Alex Adronov, “Synthesis and Electrophoretic Deposition of Single-walled Carbon Nanotube Complexes with a Conjugated Polyelectrolyte”, Chem. Mater. 2010, 22: 2741-2749.

 

[11] Fuyong Cheng, Patigul Imin, Sorin Lazar, Gianluigi A. Botton, Glynis de Silveira, Ognian Marinov, Jamal Deen and Alex Adronov “Supramolecular Functionalization of Single Walled Carbon Nanotubes with Conjugated Polyelectrolytes and their Patterning on Surfaces”. Macromolecules. 2008, 41: 9869-9874.

 

[12] Fuyong Cheng, Patigul Imin, Christian Maunders, Gianluigi Botton and Alex Adronov, “Soluble, Discrete Supramolecular Complexes of Single Walled Carbon Nanotubes with Fluorene-based Conjugated Polymers” Macromolecules. 2008, 41: 2304-2308.

 

Conferences:

 

[13] Patigul Imin , Mokhtar Imit , and Alex Adronov, “Supramolecular Complexes of Single Walled Carbon Nanotubes with Conjugated Polymers”, 11th International Symposium on Functional ?-Electron Systems, Arcachon, France, June 2013.

 

[14] Patigul Imin , Mokhtar Imit , and Alex Adronov, “Supramolecular Functionalization of Single Walled Carbon Nanotubes (SWNTs) with Dithieno[3,2-b:2',3'-d] pyrrole (DTP) Containing Conjugated Polymers”, 94rd Canadian Chemistry Conference, Montreal, QC, Canada, June 2011.

 

[15] Patigul Imin, Fuyong Cheng and Alex Adronov, “Noncovalent Functionalization of SWNTs with Conjugated Polymers”, 217th ECS Meeting, Vancouver, BC, CA, April 2010.

 

[16] Imin, P.;Pang, X.; Adronov, A.; Wu, K. ; and Zhitomirsky, I., “Synthesis and Electrophoretic Deposition of Conjugated Polyelectrolytes and their Complexes with Single-Walled Carbon Nanotubes”, 93rd Canadian Chemistry Conference, Toronto, ON, Canada, May 2010.

 

[17] Patigul Imin, Fuyong Cheng and Alex Adronov, “Noncovalent Functionalization of SWNTs with Conjugated Polymers” 92nd Conference of the Canadian Society for Chemistry, Hamilton, ON, Canada, May 2009.

 مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150403_chetel_uyghur6.htm?fbclid=IwAR2Xs_cvrgwzIrXKg4mZw-bRT-YVEC0j8khs8qyTpCMgZ54M4DO5gZ5AjOw

 

 

 

بۇ خەۋەر 9908 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2020 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق