خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەخسۇس ۋاكسىنا ئەملەپ نېمە قىلماقچى؟

خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەخسۇس ۋاكسىنا ئەملەپ نېمە قىلماقچى؟
ئىجتىمائىي ئۇچۇردا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىغا خىتاي ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئەملەش تەشۋىقاتى قىلىشقا باشلىغان.
ختاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بىرى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ھەر خىل يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى مەجبۇرى ھالدا تۇغماس ئوپراتسىيەسى قىلغان. تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ھامىلىلەرنى مەجبۇرى ئالدۇرۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. خىتاي مەزكۇر قىرغىن قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ھامىلىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. نەچچە مىڭلىغان ئاياللاردا سۈپەتسىز ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ نۇرغۇن تراگېدىيە يۈز بەرگەن ئىدى.
خىتاي بو قېتىم خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ۋاكسىنىلاردىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ۋاكسىنا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى، ۋاكسىنىنى 9 ياش بىلەن 45 ياش ئارىلىقىدىكى خانىم – قىزلار ئەملەشكە بولىدىغانلىقى، بىر قېىتم ئەملىتىش باھاسى 329 يۈەن ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يۇمشاق ۋاسىتە ئارقىلىق ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنى تۇغماس قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

https://aweme.snssdk.com/aweme/v1/playwm/?video_id=v0200fc80000brb3vaq6tgq4tj4qll7g&ratio=720p&line=0
بۇ خەۋەر 1910 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2020 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق