قورچاق ئەمەلدارلار خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

قورچاق ئەمەلدارلار خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا
خىتاي يەر شارى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار مۇتەللىپ روزى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، لاگېردا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلار ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈگۈرۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرى خەلقئارادا پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيدى. خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قىرىلىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقنىڭ ئۈنسىز نالىسى بىلىپ يەتكەن ئىنسانىي تۇيغۇسى ئۆلمىگەن دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە قىزىق مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى« تېررور تۆھمىتى بىلەن ئۇجۇقتۇرساق ھېچ كىشنى ئارىلاشمايدۇ» دەپ چوتنى خام سوققان خىتاي دائىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلىرىدىن چۆچۈپ، ئەڭ ئاخىرقى ھېلەك- نەيرەڭ ھەمدە يالغانچىلىقلىرىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن بو قېتىپ قورچاق ئەمەلدار مۇتەللىپ روزى بىلەن قورچاق ئەمەلدار راخمانجان داۋۇتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
قورچاق ئەمەلدار مۇتەللىپ روزى مۇخبىرلارغا بىلجىرلاپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەمدە تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى، ئەكسىچە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركسىتان كۈچلىرى «خىتاي ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ مۇسۇلمانلارنى يوقىتىۋېتىدۇ»، «تەربىيەلەش مەركىزىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى» دېگەن گەپلەرنى تارقاتتى دېگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار راخمانجان داۋۇت خەلقئارا جەمئىيەتتىكى داڭلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشى ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىنىڭ دەلىللىشى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش»، «ھەق بەرمەي قول ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش»، « يۈرتىدىن سۈرگۈن قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە خىتاي دائرلىرىنىڭ بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ، ئىگىسىنىڭ قولىدىكى پارچە نانغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھاۋلىغان ئىتتەك ھاۋلاپ پاڭىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ھەقىقەتنى يالغانغا چىقىرىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى. خىتاي ۋە ئۇنىڭ قورچاقلىرى ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى ياپالمايدۇ، ھەقىقەت نۇرى ھامان زۇلمەتنى يېرىپ تۈننى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

بۇ خەۋەر 1665 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2020 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق