خىتاي ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى تىزلەتكەن

خىتاي ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى تىزلەتكەن
زىمىستان تورىنىڭ 28- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى بايقىغان.
ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇ يىل بېشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ تاۋار ئورنىدا سېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
تەتقىقات ئورنى بو قېتىم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارنى قېزىپ چىقىپ بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىش قىلمىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پويىزلاردا تۈركۈملەپ سۈرگۈن قىلىشنى تىزلەتكەن. سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى لاگېردىن يۆتكەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئادەتتىكى زاۋۇتلار ھەمدە غەرب ئەللىرىنىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان. خىتاي تۇتقۇنلارغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى بەرگەن، ۋەزىپىنى ئۇرۇندىيالمىغانلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن جازالىغان.
دوكلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ، يەرشارىدىكى 83 داڭلىق ماركىنىڭ زەنجىرسىمان تەمىنلەش تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگىكىدىن پايدا ئالغان. ئۇندىن باشقا ياۋروپادىكى توققۇز شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن مۇھىم تېخنىكا شىركەتلىرى ، ماشىنا شىركەتلىرى ۋە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە چېتىلىدىكەن.
يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى گۇرۇپپىسى ئاممىۋى تور سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى تېزلەتكەنلىكىنى بايقىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار دىنىغا ئىشىنىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 50 ئادەم بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، ئۇلارنى دائىم ساقچىلار ياتىقىدىكى زاۋۇتقا ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇلارنى ئەمگەك قىلىۋاتقاندا ساقچىلار نازارەت قىلىدىكەن. ھەتتا ئۇلار قەرەللىك «ئىدىيە مەلۇم قىلىش دوكلاتى » يېزىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 83 دىن ئاشىدىكەن.
مەلۇم بولىشىچە، ئادىداس شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى خىتايغا تەۋە بىر زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈز ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرىدىن ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە يۆتكىلىشىگە قاتناشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەردە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى شارائىتى جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن.
دوكلاتتا ئاتالغان 83 شىركەتلەر ئىچىدە گېرمانيەنىڭ BMW ، بوش ، مېرسىدىس-بېنىز ، پۇما ، سىمېنس ، ئىتالىيەنىڭ كادى، شىۋىتسىيەنىڭ( H & M )، Electrolux ، فىلىپپىننىڭ (Jack and Jill)، فرانسىيەنىڭ لاكوستې ۋە ئىسپانىيەنىڭ ( زارا) قاتارلىق داڭلىق ماركىلىرى بار ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان خىزمەتچى ئاخىردا، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ بولغانلىقىنى، خىتايلاردا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ قالمىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىدا ئىرقچىلىق كۈچەيگەنلىكىنى، خىتايدا يىلتىز تارتقان چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقانلىقىنى، ھەتتا خىتايلار « پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇسىلا تىنچ ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز» دېگەن ئىدىيەگە كېلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1847 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2020 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق