شەرقىي تۈركىستاندا روزا ھېيت قاتتىق كونتروللۇق ئىچىدە ئۆتكەن

شەرقىي تۈركىستاندا روزا ھېيت قاتتىق كونتروللۇق ئىچىدە ئۆتكەن
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى روزا ھېيتنى قاتتىق كونتروللۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بۇ يىللىق روزا ھېيتتا خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا «روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى» نى ئۇيۇشتۇرغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر قىسىم سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆرسىتىش ۋە كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە ھېيت كۈنى ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتىدە ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلارغا ھېيت نامىزى ئورۇنلاشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھېيت نامىزىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى پىلانلىق، تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرغان.
رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەپ، روزا تۇتقۇنلارنى پاش قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان خىتاينىڭ روزا ھېيت كۈنى رايوندىكى بەزى مەسچىتلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇتۇشقا يول قويۇشى، ساياھەتچىلار كۆپ كېلىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلاردا ساما ئۇسۇلى ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ نومۇسسىزلىقى ۋە ساختىپەزلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى دۇكانلاردا يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مول ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ بايراملىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيلىرىگە كېتىشىۋاتقانلىقى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، خەلقنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمەلىيەتتە خىتاي قورچاق ئەمەلدارلىرى ھېيت مەزگىلىدە خەلقنى ئۆز ئائىلىسىدىمۇ ئارامىدا قويماي، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ تەشۋىقاتىنى تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 2157 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2020 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق