خىتاينىڭ يېڭى قارارى خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدە قايتىدىن داۋالغۇش پەيدا قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى پەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى چىقىرىش ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدە يېڭىدىن داۋالغۇش پەيدا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر قارارغا ئاساسەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا خوڭكوڭنى بىۋاسىتە كونترول قىلالايدىغان قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە يوشۇرۇن ياكى ۋاسىتىلىك قول تىقىپ ئولتۇرمايدىكەن.

«بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى يەنە بىر قەدەم دەپسەندە قىلىدىغان بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خوڭكوڭ پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بىر نەچچە كۈندىن بېرى خوڭكوڭدا خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نامايىش قايتىدىن باشلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى يېتىپ كەلسە، خوڭكوڭ "شىنجاڭ"غا ئايلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە يەنە مىڭلىغان نامايىشچىلار كوچىدىن ئايرىلمىغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى ھەرقايسى رايونلاردىكى 180دىن ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالغان، بىر نەچچە كىشى يارىلانغان. ساقچى تەرەپ بۇلارنى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، قانۇنسىز يىغىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى روبېرت ئوبراين (Robert C. O'Brien) مۇخبىرغا بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1984-يىلى «خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن خوڭكوڭنىڭ تاكى 2049-يىلىغىچە يۈكسەك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن، خىتاي ۋە خوڭكوڭغا قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللىشىنىڭ شى جىنپىڭغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىتاي ئىچىدىكى دىققەتنى خوڭكوڭغا قارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 
بۇ خەۋەر 1014 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2020 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق