خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى روزا ھېيت مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل ھالدا يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەسىس قىلغان ئاتالمىش خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا بولۇپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە بۇ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تازا «خالاپ كەتمىگەن» بولۇپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى دەۋاسىنىڭ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىتايچە تور بېتىدە رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتقا ئالاقىدار خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە تور بېتىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەزمۇن يوللانمىغان. ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرام كۈنى بولغان روزا ھېيت ھەققىدىمۇ بىرەر يازما ئېلان قىلىنمىغان.

ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 1-ئايدا يېڭىلانغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە پەقەت بەشلا خەۋەر ئېلان قىلىنغان. جەمئىيەتنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىمۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھېچقانداق يېڭىلانمىغان.

بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىمۇ ئۆز تور بېتىدە ۋە ئۈندىدار سۇپىسىدا روزا ھېيت توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىغان.

 
بۇ خەۋەر 1541 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق