ش ت ت ب دىن ھېيتلىق كۆڭۈل سۆزى

روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

 ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز، مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسلام ئالەمى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

رامىزان ئېيىدا قىلغان پۈتكۈل ئەمەل-ئىبادەتلەرنى جانابىي ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!

خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيلىرىمىزدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە يېتىپ كەلگەن روزا ھېيتنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز. بۇ ھېيتتا گەرچە بىر-بىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ ھېيتىمىزنى تەبرىكلىيەلمىگەن بولساقمۇ، روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، دوستلۇق، قېرىنداشلىق، سەپداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىش ۋە ھېيت كۈنلىرىدە بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۆزىمىزنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، بىر-بىرىمىز بىلەن تېلېفوندا ياكى ۋىدېيولۇق كۆرۈشۈش ئارقىلىق روزا ھېيتنى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە، روھىي كەيپىياتىمىزنى ياخشىلاشقا تىرىشايلى. بۇ رامىزان ئېيى ۋە روزا  ھېيت پىتنە-ئىغۋا، نىزا ۋە ئاداۋەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، قېرىنداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى ۋە بىرلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولغۇسى. شۇنداقلا ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېغىنىش ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىستىكى بىلەن ھەسرەتكە تولغان يۈرەكلىرىمىزگە مەلھەم بولغۇسى. ۋەتىنىمىزنىڭ پات پۇرسەتتە ئازاد بولۇشىغا، يۇرتلىرىمىزغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن جەم بولۇشقا، ھۆر، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ، دۇنيا ئەللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىزغا ۋەسىلە بولغۇسى، ئىنشائاللاھ!

 يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز.ھېيت كۈنلىرىنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2020 19:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق