كۆك ئاي جەمئىيىتى ھېيتلىق سوۋغا تارقاتتى

كۆك ئاي جەمئىيىتى ھېيتلىق سوۋغا تارقاتتى
شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سوۋغا تارقاتتى.
جەمئىيەت قۇرۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر نەچچە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ كىشىلەر خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك سىرتقا چىقىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقان پەيتتە، جۈملىدىن رامىزان مەزگىلىدىمۇ جەمئىيەت باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكى خادىملار مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ، ئۆيىدە قاپسىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نەق پۇل ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئائىلىلىرىگىچە يەتكۈزۈپ بەردى.
جەمئىيەت مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى مۇبارەك روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 20-ماي ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە 500 جۈپ ئاياغ تارقاتتى.
جەمئىيەت يەنە 21-ماي فىرانسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئامانەت جەمئىيىتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە 94 مىڭ لىرا نەق پۇل ۋە 300 يەشىك يېمەكلىك تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 يەشىك يېمەكلىككە ئىككى كىلوگىرامدىن گۆش قوشۇپ تارقاتتى.
بۇلاردىن سىرت يەنە 250 ئائىلىگە 500 لىرا قىممىتىدىكى Defacto كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 2929 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2020 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق