خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئاشكارىلاندى

 

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق جەمئىيىتى 16-ماي ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇننى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە تۆت مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغان. 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىككى مىليون تۇتقۇننى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان.
ئاشكارىلانغان باشقا بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يەنە رامىزان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغان. رەت قىلغان ياكى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلارنى جازا لاگېرىغا سولىغان.

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق