كۈرەش مەخسۇت يەنە ئۆستۈرۈلدى

كۈرەش مەخسۇت يەنە ئۆستۈرۈلدى
خىتاي ئىقتىساد گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، كۈرەش مەخسۇت خىتاي ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىكى ئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
كۈرەش مەخسۇت 1960-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، 1984-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىتاينىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان.
كۈرەش مەخسۇت نۇر بەكرى جازالانغاندىن بېرى ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ بېرىلگەن ئەمەلدارنىڭ بېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۈرەش مەخسۇت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھەربىي رايون تەكشۈرۈش ۋە خەرىتىچىلىك ئوقۇتۇش ئەترىتى، ئاۋىياتسىيەلىك ئۆلچەش كەسپىي تەتقىقاتى ئورنى، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنى تەكشۈرۈش ۋە خەرىتە ئەترىتى، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى ئىككىنچى چارلاش ۋە خەرىتە ئەترىتى ئاۋىياتسىيەلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى مائارىپ باشقۇرۇش بۆلۈمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك كومىتېتى مەمۇرىي ئىشخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى، يەر ۋە بايلىق مىنىستىرلىقى خىتاي دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ۋە خەرىتە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسى، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىكى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلاردا قورچاق ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەن.
مەنبە:
http://district.ce.cn/newarea/sddy/202005/23/t20200523_34961966.shtml

بۇ خەۋەر 2341 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2020 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق