ئابدۇكېرەم ئىسمائىل تۈرمىدە شەھىد قىلىندى

ئابدۇكېرەم ئىسمائىل تۈرمىدە شەھىد قىلىندى
قارار گېزىتىنىڭ 21- ماي بەرگەن خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، 86 ياشلىق ئابدۇكېرىم ئىسمائىل خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد قىلىنغان.
تۈرك پۇقراسى ئىسمائىل ئابدۇكېرىمنىڭ 86 ياشلىق دادىسى ئابدۇكېرىم ئىسمائىل خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد قىلىنغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە، ئىسمائىلنىڭ ئوغلىنى يانفۇندا دىنى مەزمۇندىكى يازمىنى ھەمبەھىرلىگەنلىك باھانىسى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىسمائىلنىڭ 74 ياش ئاپىسى گۈلھەسەل مەمەتنىڭ 2014-يىلى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىل كېسلگەنلىكىنى، 47 ياشلىق ئىنىسى ئەبۇبەكرى ئابدۇكېرىم ۋە باشقا ئىنى-سىڭىللىرى ئوسمانجان، ئۆمەرجانلارنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، نۇرمۇھەممەدنىڭ يانفۇندا خىتاي چەكلىگەن ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىق باھانىسى بىلەن لاگېردىن تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى،
بۇ پەقەت شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىر ئائىلىنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا يالغان ۋە بۇرمىلانغان سۆزلەرنى تارقىتىپ تۈرك خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، بارلىق تۈرك ئىسلام دۇنياسىنى ئەستايىدىل تەدبىر قوللىنىپ ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1416 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق