خىتاي ئۇيغۇرلارنى چوشقا باقمىچىلىق كەسپىگە مەجبۇرلىماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنى چوشقا باقمىچىلىق كەسپىگە مەجبۇرلىماقتا
خىتاي شىنلاڭ تېخنىكا خەۋەرلىرىنىڭ 21- مايدىكى خەۋىردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش »نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوشقا باقمىچىلىق كەسپىگە مەجبۇرلىغان.
خەۋەردە ، خىتاي تېلېگراف شىركىتى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغى»نامىدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىگە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى. بۇ مەبلەغ چوشقا بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشچە، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر كونا شەھەر دائىرلىرى بىلەن تيەنكاڭ چارۋىچىلىق تېخنىكىسى ۋە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تيەنكاڭ ھايۋانات باقمىچىلىقى) يىلىغا 40 مىڭ چوشقا بىلەن تەمىنلەشكە توختاملاشقان. مەزكۇر توختام دائىرىسىدە يېڭى چوشقا باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ بازىنىڭ كۆلىمى 300 مو ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 25 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئۇ ھەر يىلى جەمئىيەتنى 40 مىڭ چوشقا بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، 2019-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ، خىتاي يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ، مالىيە مىنىستىرلىكى ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىكى ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىكى ، قاتناش مىنىستىرلىكى ، بانكا ۋە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ ، شەرقىي تۈركىستاندا چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىياتى قىلدۇرۇش ھەققىدە 17 سىياسەت ۋە تەدبىر چىقارغان.
خىتاي ئەنە شۇ رەزىل تەدبىر بويىچە ئىجرائاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئەڭ يىرگىنىدىغان، ئەقىدە جەھەتتە قاتتىق سىقىلىش ھېس قىلىدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلاپ خورلاشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، رەت قىلغان ياكى نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەتتا چىرايىدا نارازىلىق كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن كىشىلەرنى قېرى – ياش دېمەستىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ سىياسەت ئۇزۇن داۋام قىلسا مۆلچەرلىگۈسىز ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى، ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كەسكىن بىرەر ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1829 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2020 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق