خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىپ تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىپ تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
خىتاي 2017- يىلىدىن باشلاپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي مائارىپى بويىچە تەربىيەلەشكە باشلىغان بولۇپ، سانسىزلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىلىش پاجىئەسىگە دۇچ كەلگەن. يېقىندىن بۇيان يەنە بىر قسىم ھۆججەتلەر بىلدۈرۈلىشچە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتالمىش «يەسلى» نامىدىكى ئورۇنلارغا زور ساندا يىغىشقا باشلىغان.
ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئاقسۇ شەھىرىدە يېڭىدىن 20 نەچچە يەسلى سالماقچى بولغان.
خەۋەردە، يېڭى سېلىنماقچى بولغان يەسلىلەر بۇ يىل 9- ئايدا تاماملىنىدىغانلىقى مەزكۇر يېڭى يەسلىلەرگە 10 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، بۇ يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبىنىڭ يەسلى قىس بولۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان شەرقىي تۈركىستان بالىلىرىنى بىر يەرگە توپلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاي مەدەنىيەت مۇھىتىدا خىتاي قىلىپ تەربىيىلەشنى تېخىمۇ كۈچەيىتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1795 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2020 22:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق