يەنە بىر قىسقا سىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

يەنە بىر قىسقا سىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى
16-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان مەلۇم بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزىنى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغان سىن كۆرۈنۈشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارشى ۋەھشىي سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ياغلىق چەككەن قىز-ئاياللارنى قالاقلىق بىلەن ھاقارەتلەپ، ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆينەك كىيىشىنى چەكلىدى. چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ كەلدى.
مەزكۇر سىندا ئادەتتىكى بىر خىتاي ھويلىسىدا تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزنى قوپال تەلەپپۇز بىلەن بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە زورلىغان بولۇپ، قىز ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغان بولۇپ، ئائىلىسىدە يالغۇز قالغان ئىكەن

https://twitter.com/i/status/1261691442998771712

https://twitter.com/i/status/1261691442998771712
بۇ خەۋەر 1330 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق